باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

4-ئايدا ماكرو ئىگىلىكنىڭ يۈرۈشۈشى مۇقىم بولدى، ھاياتىي كۈچى ئۇرغىدى، ئۈنۈمى ئاشتى

جۇڭگو ئىقتىسادى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى(گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا)

2018.05.16 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 15-ماي ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ليۇ ئەيخۇا ئېلىمىزنىڭ 4-ئايلىق خەلق ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: 4-ئايدا خەلق ئىگىلىكى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجى مۇقىملىق ئاساسىدا ئېشىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، ئىقتىسادىي قۇرۇلما ياخشىلىنىپ دەرىجىسى ئېشىش، سۈپەت ئۈنۈمى سىجىل ياخشىلىنىشتەك ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.

  ئىشلەپچىقىرىش، ئېھتىياج، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسى مۇقىملىقنى ساقلاپ، يېڭى تۈرتكىنىڭ ئىقتىسادقا بولغان تىرەكلىك رولى ئاشتى

  ئاخبارات باياناتچىسى يىغىندا ھازىرقى ماكرو ئىگىلىكنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى كونكرېت ئانالىز قىلىپ مۇنداق دېدى: 4-ئايدا ئىقتىساد ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇردى، ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ ئالاھىدىلىككە ئىگە: مۇقىم يۈرۈشۈش، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇش، ئۈنۈمى ئېشىش.

  ___ مۇقىم يۈرۈشۈش ئاساسلىقى ئىشلەپچىقىرىش، ئېھتىياج، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسى جەھەتلەردە ئىپادىلەندى.

  ئىشلەپچىقىرىش مۇقىملىق ئاساسىدا ئاشتى. 4-ئايدا مەملىكەت بويىچە كۆلەملىك سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقىدىن ئەمەلىيەتتە %7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئۆتكەن ئايدىكىدىن 1 پىرسەنت پوئىنت، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئىنت تېز بولدى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە كۆلەملىك سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى %6.9 ئېشىپ، 1-پەسىللىك ئېشىش سۈرئىتىدىن 0.1 پىرسەنت پوئىنت، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئىنت تېز بولدى، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى %8 ئېشىشتەك تېز سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلىدى.

  ئېھتىياج ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. 4-ئايدا، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 2 تىرىليون 854 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %9.4 ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقىدىن %9.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1-پەسىلنىڭكى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشتى.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ياخشىلاندى. 4-ئايدا، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.9، 31 چوڭ شەھەرنىڭ شەھەر-بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.7 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئازراق تۆۋەنلىدى.

  مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئاستا بولدى. 4-ئايدا، ئاھالە ئىستېمال باھاسى بۇلتۇرقىدىن %1.8 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى ئۆتكەن ئايدىكىدىن 0.3 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىدى، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى %3.4 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى ئۆتكەن ئايدىكىدىن 0.3 پىرسەنت پوئىنت ئاشتى. ئىككى باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ مۇقىم ئېشىشنى ساقلىغانلىقى بازار مۇھىتى ۋە تەمىنات-ئېھتىياج ئەھۋالىنىڭ يەنىمۇ ياخشىلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  ___ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇش ئاساسلىقى يېڭى تۈرتكىنىڭ تىرەكلىك رولى ۋە پۈتكۈل ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئېشىشىدا ئىپادىلەندى.

  يېڭى كەسىپلەرنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى. 4-ئايدا يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقىدىن %11.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى كۆلەملىك سانائەتتىن 4.8 پىرسەنت پوئىنت تېز بولدى، جابدۇقچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقىدىن %10.3 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى كۆلەملىك سانائەتتىن 3.3 پىرسەنت پوئىنت تېز بولدى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق بۇلتۇرقىدىن %11.9، جابدۇقچىلىق %9.2 ئېشىپ، كۆلەملىك سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر