جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تىرانسپورت - 20 بەلگىلىك ئايروپىلانى ۋە پاراشوتچى قىسىم ھاۋادىن تاشلاش مەشقىنى بىرلىكتە قانات يايدۇرماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى بىر ئەۋلاد رادارغا چۈشمەس ئۇرۇش ئايروپىلانى قىرغۇچى - 20 ھاۋا بوشلۇقىدا پەرۋاز قىلماقتا، تىرانسپورت - 20 بەلگىلىك چوڭ تىپتىكى تىرانسپورت ئايروپىلانى بىلەن پاراشوتچى قىسىم بىرلىشىپ ھاۋادىن تاشلىماقتا، ئوتتۇرا- يىراق مۇساپىلىك يېڭى تىپتىكى بومباردىمانچى - 6K بەلگىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان قوش يۆنىلىشتە ئارالنى ئايلىنىپ چارلىماقتا...
ھاۋا ئارمىيەسى پارتكومى شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي خىزمەت «جان تومۇرى» بىلەن يېڭى دەۋردىكى ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى يېڭى ئىزناسىنى يېتەكلەپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئىرادىسىنى تاۋلاپ ئۆستۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى