- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ياشانغانلار كۆك تاشلىق كىتابىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياشانغانلارنىڭ بەخت تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان
2018.05.16 13:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو ياشانغانلار خىزمىتى ئىلمىي تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن، ئىجتىمائىي پەن ئەسەرلىرى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ياشانغانلار كۆك تاشلىق كىتابى: جۇڭگونىڭ شەھەر-يېزىلاردىكى ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى (2018)»دا كۆرسىتىلىشىچە، شەھەر-يېزا ياشانغانلارنىڭ بەخت تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. %60.8 ياشانغانلار ئۆزلىرىنى بەختلىك ھېس قىلغان، ھەمدە بۇنداقلار 2000- يىلىدىكىدىن 12.0 پىرسەنت پوئىنت ئۆسكەن.
ھازىر ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاندى. 2015- يىلى شەھەر-يېزىلاردىكى %32.8 ياشانغانلار ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا «ياخشى» دەپ باھا بەرگەن بولۇپ، بۇنداقلار 2000- يىلدىكىدىن 5.5 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان. ھازىر شەھەر-يېزا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولىدىغان ياشانغانلارنىڭ نىسبىتى ئايرىم–ئايرىم ھالدا %98.9 ۋە %98.6كە يېتىپ، 2006- يىلدىكىدىن 24.8 ۋە 53.9 پىرسەنت پوئىنت ئاشتى.
مەھەللىلەردىكى ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىگە بولغان ئېھتىياجى ۋە ئۇنىڭ قامدىلىشى جەھەتتىكى قۇرۇلما تەڭپۇڭلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. تۇرمۇش مۇلازىمەت تۈرلىرى ئىچىدە، ھازىر %33.0 مەھەللىدە قانۇن مۇلازىمىتى ياكى ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش مۇلازىمىتى، %21.8 مەھەللىدە دەپنە مۇلازىمىتى، %15.6 مەھەللىدە ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمىتى بارلىققا كەلدى.
شەھەر-يېزىلاردا ياشانغانلارنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشتى. 2014- يىلى، مەملىكەت بويىچە شەھەرلەردىكى ياشانغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 23 مىڭ 930 يۇەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇ، 2000– يىلدىكىنىڭ 3.24 ھەسسىسى بولغان، يەنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.86 ئاشقان. يېزىلاردىكى ياشانغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 7621 يۇەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇ، 2000- يىلىدىكىنىڭ 4.62 ھەسسىسى بولغان، يەنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن % 9.06 ئاشقان. ھازىر يېزىلاردىكى ياشانغانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئېيتقاندا، ئەمەلىيەتتە شەھەرلەردىن تېز بولماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر