- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، دۆلىتىمىزدە داۋالىنىش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولغان ياشانغانلار %98تىن ئاشتى
2018.05.16 13:49 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ياشانغانلار ئىلمىي تەتقىقات مەركىزى 15- چېسلا بېيجىڭدا ئېلان قىلغان «جۇڭگو شەھەر-يېزىلاردىكى ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ( 2018 )»دا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ شەھەر-يېزىلاردا داۋالىنىش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولغان ياشانغانلارنىڭ نىسبىتى %98تىن ئاشقان.
يېڭى بىر نۆۋەتلىك داۋالاش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، دۆلىتىمىز داۋالىنىش كاپالەت تورىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن پۇختا ۋە زىچ شەكىللەندۈرۈپ، كەڭ شەھەر-يېزىلاردىكى ياشانغانلارغا ئۈزۈكسىز نەپ يەتكۈزۈپ كەلدى. جۇڭگو ياشانغانلار خىزمىتى ئىلمىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شېنيۈەن شۇ كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2015- يىلى، شەھەر-يېزىلاردا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولغان ياشانغانلارنىڭ نىسبىتى ئايرىم–ئايرىم ھالدا %98.9 ۋە %98.6كە يەتكەن بولۇپ، 2006- يىلدىكىدىن ئايرىم–ئايرىم ھالدا %12.4 ۋە %14.31 پىرسەنت پوئىنت ئاشتى.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، توردا نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش ۋە ساياھەت قىلىپ ئىستېمال قىلىش ھەرىكىتى بار ياشانغانلارنىڭ نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %12.4 ۋە %14.31كە يەتكەن. دېمەك، ساياھەتلەر ھازىر بارغانسېرى ياشانغانلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ يېڭى تاللىشى بولۇپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر