- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
چاۋشيەن 16-ماي ئۆتكۈزۈلىدىغان شىمال-جەنۇب يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنى توختاتتى
2018.05.16 16:27 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 16-ماي سائەت 0 دە بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كورېيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېقىندا چاۋشيەنگە قارىتىلغان كەڭ كۆلەمدىكى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى قاتارلىق ئىغۋاگەرچىلىك ۋە قارشىلىشىش قىلمىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، چاۋشيەن ئەسلىدە 16-ماي ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان شىمال-جەنۇب يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنى ئامالسىز توختىتىشقا مەجبۇر بولغان، كورېيە بىلەن بىرلىكتە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى پەيدا قىلغان ئامېرىكىغا قارىتا بېكىتىلىپ بولغان چاۋشيەن-ئامېرىكا رەھبەرلەر سۆھبىتىنىمۇ چاۋشيەن قايتا ئويلىشىدىكەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: كورېيە-ئامېرىكا 11-مايدىن باشلاپ كورېيە چېگراسى ئىچىدە چاۋشيەنگە قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى. بۇ، «پانمۇنجوم خىتابنامىسى»غا قىلىنغان ئاشكارا قارشىلىشىش، ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتقان چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىگە قارىتا قەستەن قىلىنغان ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر