باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى مىنىستىرلىك: ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يەرلىكتىكى ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە باراۋەر مۇئامىلە قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2018.05.17 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئالاھىدە ئىش ئورنى بەلگىلەش پىلانىنى يولغا قويۇشتىكى 2018- يىللىق خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتقان. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىنغان: ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارغا يەرلىكتىكى ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مۇلازىمەت ۋاقتى توشقان ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشتاتقا كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىنات كاپالىتى، ئىشتاتى ۋە ئۇلارنى ئىش ئورنىغا كىرگۈزۈش قاتارلىق سىياسەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە دەرھال تۈزىتىشكە بۇيرۇش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا بۇ جەھەتتىكى سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇش دائىرىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، مەركەزنىڭ ئالاھىدە ئىشتاتلار سىياسىتىنى يولغا قويۇشنىڭ 2018- يىللىق دائىرىسىنىڭ 2017- يىلىدىكى بىلەن بىردەك بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ كونكرېت دائىرىسى شۇكى، بۇنىڭدا، تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلاردىكى، ھەمدە ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسىم رايونلاردىكى مەملىكەت بويىچە نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىدى دائىرىسىدىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەر، ئۆلكە دەرىجىلىك نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش خىزمىتى بويىچە نۇقتىلىق ناھىيەلەر، دۆلەتنىڭ غەربىي رايوننى ئېچىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن ئوتتۇرا قىسىم رايونىدىكى قىسمەن ئۆلكىلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاپتونوم ئوبلاستلىرى ۋە غەربىي قىسىم رايونىدىكى بەزى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار چېگرا بويى ناھىيەلەر، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاپتونوم ناھىيەلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان ناھىيەلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئالاھىدە ئىشتات پىلانى بويىچە ئىش ئورنى تەسىس قىلىدىغان ناھىيە (شەھەر)لەر دېگەندە، ئۇلاردا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشتاتى ئومۇميۈزلۈك كەمچىل بولغان، قۇرۇلمىلىق زىددىيەت گەۋدىلىك بولغان ناھىيە (شەھەر)لەر بولۇشى كېرەك. 2018- يىلى مەملىكەت بويىچە ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىدىن 90 مىڭنى قوبۇل قىلىش پىلانلاندى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېزا-كەنت مەكتەپلىرىگە ئوقۇتقۇچى تولۇقلاشنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىپ، ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست قاتارلىق جايلاردىكى ئېغىر نامرات رايونلارغا جايلاشقان ناھىيە ۋە كەنتلەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىلىرى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئوقۇتقۇچى تولۇقلاشتىكى ئېھتىياجىنى ئاۋۋال قاندۇرۇش، ناھىيە مەكتەپلىرىگە يېڭىدىن ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچى تولۇقلىماسلىق كېرەك؛ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان جىنىستىكىلەرنىڭ نىسبىتىنى مۇۋاپىق ساقلاپ، تەنتەربىيە، مۇزىكا، گۈزەل-سەنئەت، چەتئەل تىلى، ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق پەنلەردىكى ئوقۇتقۇچى قىس ۋە ئوقۇتقۇچى قوشۇنى ئاجىز بولغان پەنلەرگە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ يەرلىكتىكى ئوقۇغۇچىلار مەنبەسىگە مايىللاشتۇرۇش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يەرلىكتىكى ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىكى باراۋەر بولغان مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جايلار ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى ۋاقتىدا ۋە تولۇق تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشى، «مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، كادىرلار بۆلۈمى، مەركەز ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئالاھىدە ئىش ئورنى تەسىس قىلىش پىلانى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۆلكە مالىيەسى مەبلەغنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلار بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ئۈنۈم مۇكاپاتى، تۇرمۇش ياردەم پۇلى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تەمىناتىنى ھەل قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەقىقىي تۈردە ھەل قىلىپ، ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يەرلىكتىكى ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئوخشاش بولغان باراۋەر مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر