باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سېرك نومۇرلىرى دېھقان-چارۋىچىلارغا روھىي ئوزۇق ئاتا قىلدى

2018.05.17 15:14   مەنبە: خەلق تورى

سېرك نومۇرلىرى دېھقان-چارۋىچىلارغا روھىي ئوزۇق ئاتا قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) 5-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرك ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شاپتۇل بازىرى ئار شاپتۇل كەنتىدىكىلەرگە يۇقىرى ماھارەت بىلەن سېرك نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ، دېھقان-چارۋىچىلارنى قەۋەتلا خۇش قىلدى، دېھقانلارنىڭ نادىر نومۇرلارنى كۆرۈش ئارزۇسى ئۆز مەھەللىسىدىلا ئىشقا ئاشتى.

  __ خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشتا، چوقۇم ئۇلارغا مول مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلىشىمىز كېرەك، مانا بۇ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى،- دېدى بۇ قېتىمقى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە مەدەنىيەتتە نەپ يەتكۈزۈپ، ئاساسىي قاتلامدا ئويۇن قويۇش ئەترىتىنىڭ رىياسەتچىسى، تونۇلغان ناخشىچى نۇرنىسا ئابباس ئويۇن كۆرگىلى كەلگەن تاماشىبىنلارغا ، __ بىز مۇشۇ مەقسەتتە يۇرتۇڭلارغا كەلدۇق، نومۇرلىرىمىز سىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشۇڭلارنى بېيىتىشىنى ئارزۇ قىلىمىز، قېنى ھۇزۇرلانغايسىلەر ...

  ئارتىسلار ئورۇنداش بىر قەدەر قىيىن بولغان بىر چاقلىق ۋېلىسىپىت مېنىپ تۇرۇپ بېشىدا چىنە، تەخسە ئوينىتىش ماھارىتى، سېلىندىر شەكىللىك جىسىملارنى ئوخشىمىغان شەكىلدە بىر-بىرىگە ئۇلاپ تۇرۇپ ئۈستىدە گۈزەللىك ھەرىكىتى ئويناش ماھارىتى دېھقانلارنى بەزىدە كۈلدۈرسە، بەزىدە جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى، مەيداندا چاۋاك ساداسى ئۈزۈلمىدى. نۇرنىسا ئابباس، مەمەتجان روزىسايىتلارنىڭ ۋەتەننى، پارتىيەنى كۈيلەيدىغان، ئىناقلىققا، تەرەققىياتقا، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان مەدھىيەسى ئىپادىلەنگەن گۈزەل ناخشىلىرى مەيدان كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى.

  كەنت ئاھالىسى پاتىگۈل سەمەت مۇنداق دېدى: ئارتىسلار ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي، ئۈرۈمچىدىن كەنتىمىزگە ئويۇن قويغىلى كەپتۇ، بىز بۇنداق سېرك نومۇرلىرىنى پەقەت تېلېۋىزورلاردىنلا كۆرەتتۇق، تۇنجى قېتىم نەق مەيداندا كۆرۈپ ئىنتايىن تەسىرلەندۇق ھەم ھاياجانلاندۇق. ئارتىسلارنىڭ ئورۇنلىغان نومۇرلىرىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، كىچىككىنە مەيداندا ئۇلار ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن بىزگە نومۇر كۆرسىتىپ بەردى. بىز بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق ۋەتەننى، پارتىيەنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، بۈگۈنكىدەك تىنچ، بەختىيار زاماننىڭ قەدرىگە يېتىشنىڭ مۇھىملىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە ئوخشاش يىراق يېزا-قىشلاقلاردىكى دېھقان-چارۋىچىلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى داڭلىق ئارتىسلارنى ئەۋەتىپ ئويۇن قويۇپ بەرگىنىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.

  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرك ئۆمىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە ئاساسىي قاتلامدا ئويۇن قويۇپ مەدەنىيەتتە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، 50 نەچچە ئارتىس ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلىنىپ، 4- ئاينىڭ 26-كۈنىدىن، 5-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ 62 نامرات كەنتىدە نادىر سېرك نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ، پارتىيەنىڭ فاڭجىن، سىياسەتلىرىنى ئاممىغا يەتكۈزۈپ، خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئىككى مىنىستىرلىك: ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يەرلىكتىكى ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچى…
    ·ئىككى تارماق ھۆججەت چىقىرىپ، مەبلەغ ئاجرىتىپ نامرات رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ياردەم پۇلى بېرىشنى…
    ·پۈتۈن مەملىكەتتىكى نامرات ناھىيەلەردە %94.7 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ‏ئوقۇتۇش شارائىتى «تۆۋەن…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تۈزەش مەخسۇس تۈ…
    ·سانجى ئوبلاستىدا خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشى قاتتىق مە…
    ·گوۋۇيۈەن پىكىر بېسىپ تارقىتىپ ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى تۈزۈمىنى يولغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەلىيۇل ئەلاسى»، «ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى»نى تەش…
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: يېزا-بازارلاردىكى كىچىك مەكتەپ ۋە ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك
    ·شېنجېن باۋئەن رايۇنىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن تۇنجى قېت…
    ·گۇاڭشى ئۆلكىسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىشقا رىغبەتلەندۈردى