باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى 10 تۈرلۈك چەكلەش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلدى

2018.05.17 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاساسىي مائارىپ خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە 10 تۈرلۈك ئەڭ قاتتىق بولغان چەكلەش بۇيرۇقى يولغا قويۇلىدۇ.

  بۇ يىلقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىغا قويغان پىلانسىز ياكى پىلاندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى قاتتىق چەكلەشنى ئىجرا قىلىدۇ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەكتەپ خالىغانچە باشقا مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئۆز ئالدىغا ياكى ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى تاللاشنى مەقسەت قىلغان تۈرلۈك ئىمتىھانلارنى تەشكىللەش ياكى ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى ئۆزى ئىمتىھان تەشكىللەپ ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى تاللاش قاتتىق چەكلىنىدۇ؛ مۇددەتتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى تەشكىللەش، شەكلى ئۆزگەرگەن ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى تاللاش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپ بىلەن خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئارىلاشما ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئارىلاشما سىنىپلارغا ئايرىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ يۇقىرى ماددىي مۇكاپات بېرىش، ساختا تەشۋىق قىلىش قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى جەلب قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ ھەر قانداق مەكتەپنىڭ ئوقۇشقا كىرىشكە مۇناسىۋەتلىك ئىئانە ئوقۇش ياردەم پۇلىنى بىۋاسىتە ئېلىشى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئېلىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ھەرقانداق مۇسابىقە گۇۋاھنامىسى، پەن مۇسابىقە نەتىجىسى، دەرىجە ئىمتىھان ئىسپاتى قاتارلىقلارنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ھەرقانداق نام بىلەن نۇقتىلىق سىنىپ، تېز سىنىپ، ئاستا سىنىپ تەسىس قىلىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تولۇقسىز، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى رەت تەرتىپى بويىچە تىزىشى چەكلىنىدۇ. ئوتتۇرا تېخنىكوم، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئەليۇلئەلاسى ۋە ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىنى تەشۋىق قىلىشى، باشقا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى ئەھۋالىنى بۇ مەكتەپكە سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلىشى چەكلىنىدۇ؛ ئادەم بىلەن ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئايرىش، قۇرۇق ئوقۇش تەۋەلىكى، يالغان ئوقۇش تەۋەلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ سادىر بولۇشى قاتتىق چەكلىنىدۇ. بەلگىلىمىگە خىلاپ رايون ئاتلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا، قائىدىگە خىلاپ ھالدا مەكتەپ ئالماشقان ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش تەۋەلىكى بېجىرىپ بېرىش قاتتىق چەكلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر