باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2018.05.17 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 16- ماي گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدىكى بىر توردا ھەممىنى بېجىرىش ۋە كارخانىلار، ئامما ئىش بېجىرگەندە «بىر ئىشىكتىن كىرىش»«كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش»نى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى؛ مەملىكەت بويىچە چەت ئەل مەبلىغىدىكى كارخانا قۇرۇشتىكى سودا ئىشلىرىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ۋە سودا- سانائەتنى تىزىملىتىشنى «بىر كۆزنەكتە بېجىرىش»نى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى؛ ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىش تەدبىرىنى بېكىتتى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، جايلار، تارماقلار «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئالاقە تورى+ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى»نى قوللىنىپ پۇقرالار ۋە كارخانىلارغا قولايلىق يارىتىپ، پائال ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. كېيىنكى قەدەمدە، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجتىمائىي ئىجادچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە بىر توردا ھەممىنى بېجىرىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛ بىرىنچى دۆلەت، ئۆلكە، شەھەر ئۈچ دەرىجىلىك ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى تور سۇپىسى بىرىكتۈرۈپ قۇرۇلۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ياكى مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغانلىرىدىن باشقا ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ سۇپىدا بېجىرىلىدۇ. تورلاشتۇرۇپ ھەممىنى بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇش پىرىنسىپ، ئالاھىدە ئەھۋالدا يەككە توردا بېجىرىلىدۇ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى تورغا چىقىرىش پىرىنسىپ، ئالاھىدە ئەھۋالدىلا تورغا چىقىرىلمايدۇ، پىرىنسىپ جەھەتتىن يەككە ئورۇننىڭ يەككە ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇشى تەستىقلانمايدۇ. ئىككىنچى، ئىش بېجىرىش شەرتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش كېرەك. جەزمەن نەق مەيدانغا بېرىپ بېجىرىلىدىغان ئىشلاردا «كۆپ بولغاندا بىر قېتىملا قاتراش» مۇندەرىجىسى ئېلان قىلىنىپ، «ئالدى سۇپىدا ئۇنىۋېرسال قوبۇل قىلىش، ئارقا سۇپىدا تۈرگە ئايرىپ تەستىقلاش، بىرتۇتاش كۆزنەكتىن كېنىشكا چىقىرىش» يولغا قويۇلىدۇ. پىرىنسىپ جەھەتتىن يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەسىس قىلغان مۇلازىمەت زالى ساقلاپ قېلىنمايدۇ. ئۈچىنچى، ئىش بېجىرىش ھالقىلىرى ئىخچاملىنىپ، ئورتاق بەھرلىنىشكە بولىدىغان ماتېرىيالنى قايتا تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ ھەم ئالاقىدار تۈزۈملەر مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئېلېكتىرۇنلۇق گۇۋاھنامىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئۆزئارا تونۇش تېزلىتىلىدۇ. تۆتىنچى، بىرلىككە كەلگەن سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرلىنىش، ئالماشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇلۇپ، تەلەپ بويىچە ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇر سىستېمىسىىنى ئۇدۇللاشتۇرمىغان بولسا، يېڭى تۈر تەستىقلانمايدۇ، ئاسراش خىراجىتى ئاجرىتىپ بېرىلمەيدۇ. بەشىنچى، سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرلىنىش بىخەتەرلىك كاپالىتى كۈچەيتىلىپ، شەخسىيەتكە چېتىلىدىغان ئۇچۇرلارنى قانۇن بويىچە قوغداش كۈچەيتىلىدۇ. 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، توردا بېجىرگىلى بولىدىغان ئۆلكە، شەھەر-ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى تۈرلىرى %90،%70 تىن كەم بولسا بولمايدۇ.

  يىغىندا يۇقىرى سەۋىيەلىك سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن، چەت ئەل مەبلىغىدىكى كارخانىلارنى تەسىس قىلىش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئىخچاملاش قارار قىلىنىدى، 30- ئىيۇندىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە چەت ئەل مەبلىغىدىكى سودا ئىشلىرىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ۋە سودا- سانائەت تىزىملاشتا «بىر يۈرۈش جەدۋەل، بىر كۆزنەكتە بېجىرىش» يولغا قويۇلۇپ، «قەغەزسىز»، «يۈز كۆرۈشۈش ھاجەتسىز»، «ھەقسىز» بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىش بېجىرىش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقارتىلىدۇ. بانكا، تاموژنا، باج، تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىقلار چەت ئەل مەبلىغىدىكى كارخانىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن ھەر ۋاقىت ئورتاق بەھرلىنىدۇ، ھەمتۈرتكىلىك باشقۇرىدۇ. تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەدبىرلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر