باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاپتوموبىلنى يىللىق تەكشۈرتۈشتە يېشىل يول ئېچىلدى، توردا ئالدىن كېلىشسە، تەكشۈرتۈشنى ئالدىن بېجىرەلەيدۇ

2018.05.21 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاپتوموبىل ئىگىلىرى دىققەت، 18-مايدىن باشلاپ، يىللىق تەكشۈرۈشى كەچۈرۈم قىلىنمىغان ئاپتوموبىللار «قاتناش باشقۇرۇش-12123»دا (交管-12123)گە چىقىپ، تەكشۈرتۈشنى ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ، تەكشۈرۈش ئورنى ئالدىن كېلىشىپ قويغان ئاپتوموبىل ئىگىلىرىگە يېشىل يول ئېچىپ، ئالدىن تەكشۈرىدۇ.

  5-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تەكشۈرۈش كەچۈرۈم قىلىنمىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئاپتوموبىل ئىگىلىرى «交管-123» APPنى تېلېفونىغا چۈشۈرۈپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى مۇلازىمىتىنىڭ ئاستىدىكى يىللىق تەكشۈرۈش كەسپىنى بېسىپ، ئالدىن كېلىشىپ تەكشۈرۈتسە بولىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ ساقچىسى جاڭ دەن مۇنداق دېدى: ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئاپتوموبىل تەكشۈرۈتۈش ۋاقتىنى خالىغانچە تاللىسا بولىدۇ، مەسىلەن، سائەت 10دىن 12 گىچە كېلىشكەن بولسا، تەكشۈرۈش ئورنى مۇشۇ ۋاقىت بۆلىكىدە ئاپتوموبىل ئىگىسى ئۈچۈن يېشىل يول ئېچىپ بېرىدۇ، يەنى ئاپتوموبىل ئىگىسى ئاپتوموبىلىنى ئالدى بىلەن تەكشۈرتەلەيدۇ.»

  نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يىللىق تەكشۈرۈش ئورنىدىن 20سى بار. لېكىن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاپتوموبىل 1 مىليون 80 مىڭغا يەتتى، شۇڭلاشقا ھەر يىلى يىللىق تەكشۈرۈش سۇپىسىغا چىقىپ تەكشۈرۈلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ. جاڭ دەن يەنە مۇنداق دېدى: «ئالدىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان توردا ئاپتوموبىل تەكشۈرتۈش بولسا، پەقەتلا تەكشۈرۈش كەچۈرۈم قىلىنغان ئاپتوموبىللارغا قارىتىلغان، بۇ قېتىم تەكشۈرۈش كەچۈرۈم قىلىنمىغان ئاپتوموبىللارغا قارىتا ئالدىن كېلىشىپ تەكشۈرتۈش مۇلازىمىتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ ئارقىلىق يىللىق تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ سانىنى كۆپەيتكىلى ۋە شۇنداقلا ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ ئۆچرەت ساقلاش ۋاقتىنى قىسقارتقىلى بولىدۇ.»

  كېڭەيتمە مەزمۇن:

  «تەكشۈرۈش كەچۈرۈم قىلىنغان» دېگىنىمىز، ئەمەلىيەتتە «توردا تەكشۈرۈلىدىغان» ئاپتوموبىللار:

  تەكشۈرۈش كەچۈرۈم قىلىنغان ئاپتوموبىللار ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم قەرەللىك تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىدۇ، تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن، ئاپتوموبىل ئىگىسى قاتناشقا خىلاپلىق قىلغان ۋە قاتناش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغان بولۇشى كېرەك، ئاندىن قاتناش مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى تالونى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئېلىپ بېرىپ، تەكشۈرۈش بەلگىسىنى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تەكشۈرۈش ئورنىغا بېرىپ بىخەتەرلىك تېخنىكا تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى ھاجەتسىز.

  تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش ئۆلچىمىگە چۈشىدىغان ئاپتوموبىللار: تىزىملاتقىنىغا ئالتە يىل توشمىغان، يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن، تىجارەت قىلمايدىغان ئاپتوموبىللار.

  ئالتە يىللىق تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىمەن بولالمايدىغان ئاپتوموبىللار: بولكىۋاي ئاپتوموبىل، يەتتە كىشىلىك ۋە يەتتە كىشىلىكتىن يۇقىرى ئاپتوموبىللار؛

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر