باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تيەنجىندە ئىختىساسلىقلار يېڭى سىياسىتى ئېلان قىلىنغان تۇنجى كۈنى 300 مىڭ كىشى نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلدى

2018.05.18 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تيەنجىن شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئۆتكۈزگەن تيەنجىن شەھەرلىك «خەيخې تالانتلىقلار» ھەرىكىتى پىلانىنىڭ ئىختىساسلىقلارغا ئائىت يېڭى سەككىز سىياسىتى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشۇمچە، 16-ماي تيەنجىن شەھىرى 2-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنىدا «خەيخې تالانتلىقلار» ھەرىكىتى پىلانىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، 16-ماي چۈش سائەت 12:30دىن 17-ماي ئەتىگەن سائەت 8:30غىچە ئىستاتىستىكىلانغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 300 مىڭدىن ئارتۇق كىشى «تيەنجىن جامائەت خەۋپسىزلىكى» ئەپ دېتالىغا چىقىپ ھەم بۇ يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈپ، نوپۇسقا ئالدۇرۇش ئىلتىماسى سۇنغان.«خەيخې تالانتلىقلار» ھەرىكىتى پىلانى بويىچە، تيەنجىن نوپۇسقا ئالدۇرۇش شەرتىنى يەنىمۇ قويۇۋەتكەن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرمىسىمۇ، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بولمىسىمۇ بولىدىكەن، تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەنلەر 40 ياشتىن، ماگىستىر ئاسپىرانتلار 45 ياشتىن ئاشمىسىلا تيەنجىندە بىۋاسىتە نوپۇسقا ئالدۇرسا بولىدىكەن، دوكتور ئاسپىرانتلار نوپۇسقا ئالدۇرۇشتا ياش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىكەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، بەلگىلىك ئۇنۋان ۋە ئالاقىدار كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىگە ئىگە سالاھىيەت تىپىدىكى ئىختىساسلىقلار؛ ئوقۇش تارىخى، خىزمەت ئىستاژى ۋە يېشى، كەسپىي سالاھىيىتى تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تېخنىكا تىپىدىكى ئىختىساسلىقلار؛ شۇنداقلا باج تاپشۇرۇش تەلىپىنى قاندۇرىدىغان، تيەنجىندە كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن، مۇقىم يۈرۈشىۋاتقان كارخانا قۇرغىلى بىر يىلدىن ئاشقان ئىگىلىك تىكلەش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ ھەممىسى تيەنجىندە بىۋاسىتە نوپۇسقا ئالدۇرسا، يەنە تېخى نوپۇسقا ئالدۇرىدىغان رايوننى خالىغانچە تاللىسا بولىدىكەن.

  بۇنىڭ ئىچىدە سالاھىيەت تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارغا قارىتا، كاندىدات ئالىي ئۇنۋان ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۇنۋانغا ئېرىشكەنلەر، شۇنداقلا دۆلەت ئىچى-سىرتىدا ئۇستا ھېسابچى، رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىر، رويخەتكە ئېلىنغان باجگىر، رويخەتكە ئېلىنغان بىناكار، ئادۋوكات قاتارلىق كەسپىي سالاھىيەتكە ئىگە كىشىلەر تيەنجىندە بىۋاسىتە نوپۇسقا ئالدۇرسا بولىدىكەن. تېخنىكا تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارغا قارىتا، ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ، تيەنجىندە خىزمەت قىلغىلى بىر يىل بولغانلار ياكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ، تيەنجىندە خىزمەت قىلغىلى ئۈچ يىل بولغانلار، ئالىي كەسپىي سالاھىيەتكە ئېرىشىپ 35 ياشتىن ئاشمىغانلار، تېخنىكا كەسپىي سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ 40 ياشتىن ئاشمىغانلار، ئالىي تېخنىك كەسپىي سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ 50 ياشتىن ئاشمىغانلار تيەنجىندە بىۋاسىتە نوپۇسقا ئالدۇرسا بولىدىكەن. ئىگىلىك تىكلەش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلار قارىتا، تيەنجىننىڭ كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن كارخانا قۇرغان شۇنداقلا مۇقىم يۈرۈشكىلى بىر يىلدىن ئاشقانلار، 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق شەخسلەر تاپاۋەت بېجى تاپشۇرغانلار تيەنجىندە بىۋاسىتە نوپۇسقا ئالدۇرسا بولىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر