باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتى 2020-يىلىغىچە ئۇزارتىلىدۇ

2018.05.21 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ باجدىن باشقا يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، خەلق بانكىسى قاتارلىقلار تارماقلار يېقىندا «تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: جايلار 2016-ئېلان قىلىنغان كارخانىلارنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى باسقۇچلۇق مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ قەرەلى توشقاندىن كېيىن، داۋاملىق 2020-يىلى 30-ئاپرېلغىچە ئۇزارتىپ ئىجرا قىلىدۇ. جايلار سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇش ئۈنۈمىنى باھالىشى ۋە ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بېكىتىلدى: تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرىدىغان ئورۇنلار %5 تىن يەرلىك بېكىتكەن يۇقىرى چەككىچە بولغان ئارىلىقتا تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى ئۆز ئالدىغا بېكىتسە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە كېچىكىپ تاپشۇرۇشنى تەستىقلاشنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتە قىيىنچىلىقى بار كارخانىلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ياكى كېچىكىپ تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش كومىتېتى تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىگە تەستىقلاش ھوقۇقى بېرىشى، تەستىقلاش مۇددىتى 10 خىزمەت كۈنىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر