باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىر ئىلى ئېتىغا 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن باھا قويۇلسىمۇ، ئات ئىگىسى ئۇنى ساتمىدى

2018.05.18 16:37   مەنبە: خەلق تورى

بىر ئىلى ئېتىغا 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن باھا قويۇلسىمۇ، ئات ئىگىسى ئۇنى ساتمىدى

  «قارا بوران» جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئات بەيگە مۇسابىقىسى 2018-يىللىق ئەنئەنىۋى چىدامچانلىق كۈچى مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسمى «قارا بوران» ئاتالغان بىر تۇياق شىنجاڭ ئىلى ئېتىغا بىر ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىلنىڭ باھاسىغا تەڭ بولغان 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن باھا قويۇلسىمۇ، ئاتنىڭ ئىگىسى ئۇنى ساتمىدى.

  5-ئاينىڭ 14-كۈنى مۇخبىر سۈرۈشتۈرۈپ، 1 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە ئەرزىگۈدەك بۇ ئاتنىڭ موڭغۇلكۈرەدىن چىققانلىقىنى بىلدى.

  موڭغۇلكۈرەنىڭ «دۇلدۇل يۇرتى» دېگەن نامى بار، بۇ جاي ئۇزاق بولغان ئات بېقىش تارىخىغا، قويۇق ئات مەدەنىيىتىگە ۋە كۈچلۈك ئات كۆندۈرۈش ئاساسىغا ئىگە.

  «قارا بوران» دۆلەت دەرىجىلىك مۇسابىقىدە ئارقىمۇ-ئارقا چېمپىيون بولدى

  ئات ئىگىسىنىڭ ئىسمى نىمان، بۇ يىل 43 ياشتا، ئۇ شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ئاتچىلىق مەيدانىنىڭ چارۋىچىسى. بۇ ئاتنىڭ بەدىنىدىكى تۈكى ۋە تېرىسى قاپقارا ۋە يالتىراپ تۇرىدىغان ھەم چاپقاندا شامالدەك تېز چاپىدىغان بولغاچقا، نىمان ئۇنىڭغا «قارا بوران» دەپ ئىسىم قويغان.

  4-ئاي ۋە 5-ئايدا، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئات بەيگە مۇسابىقسى 2018-يىللىق چىدامچانلىق كۈچى تۈرى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى ۋە 2018-يىللىق 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خېبىي ئات بەيگە مۇسابىقىسى سۈرئەت تۈرى ئاشكارا مۇسابىقىسىدە، چىدامچانلىقى كۈچلۈك، مىجەزى ئېغىر بولغان «قارا بوران» ئارقىمۇ-ئارقا چېمپىيون بولدى. 20 كېلومىتېرلىق چىدامچانلىق مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى 29 مىنۇت 45 سىكۇنت بولدى، ئەكسىچە ئۇنىڭ رەقىبلىرى «يايلاق دۇل- دۇل شاھى __ موڭغۇل ئېتى» ۋە «تەڭرى ئەركىسى __ قىزىل تۇلپار» قاتارلىقلار ئىدى.

  ئادەتتىكى بىر نورمال ئاتنىڭ سېتىلىش باھاسى 20 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. 50 مىڭ، 60 مىڭ يۈەنگە سېتىلسا خېلى قىممەت باھالىق ئات ھېسابلىنىدۇ. مۇسابىقىدىن كېيىن، نىمان بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئېتىنى سېتىۋالماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. ئىچكى موڭغۇلدىن كەلگەن بىر ئات ھەۋەسكارى دالىنگۇرى «قارا بوران»غا 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن باھا قويدى. لېكىن نىمان بۇنى رەت قىلدى. موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئاتچىلىق كەسپى تەرەققىيات باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى خەي بۇ ئىشنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھ بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى 10 تۈرلۈك چەكلەش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلدى
    ·ئىككى مىنىستىرلىك: ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يەرلىكتىكى ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچى…
    ·ئىككى تارماق ھۆججەت چىقىرىپ، مەبلەغ ئاجرىتىپ نامرات رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ياردەم پۇلى بېرىشنى…
    ·پۈتۈن مەملىكەتتىكى نامرات ناھىيەلەردە %94.7 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ‏ئوقۇتۇش شارائىتى «تۆۋەن…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تۈزەش مەخسۇس تۈ…
    ·سانجى ئوبلاستىدا خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشى قاتتىق مە…
    ·گوۋۇيۈەن پىكىر بېسىپ تارقىتىپ ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى تۈزۈمىنى يولغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەلىيۇل ئەلاسى»، «ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى»نى تەش…
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: يېزا-بازارلاردىكى كىچىك مەكتەپ ۋە ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك
    ·شېنجېن باۋئەن رايۇنىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن تۇنجى قېت…