باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- قۇرۇلتىيى ئېچىلدى

2018.05.17 16:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- قۇرۇلتىيى 5- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلار شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قىزغىن ئەمەلىيىتىدە شانلىق ياشلىق سەھىپىسىنى پۈتۈشكە سەپەرۋەر قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  قۇرۇلتاي ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى، پىيونېرلار ۋەكىلى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرى ۋەكىلى تەبرىك سۆزى قىلدى.

  لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، بارلىق ۋەكىللەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلار ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەر خىزمەتچىلىرىدىن ھال سورىدى، بارلىق ياشلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، غايە- ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە ماھىر بولۇپ، ئېسىل پەزىلەتنى تاۋلاپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيىدىغان، زور مەسئۇلىيەتنى دادىل زېممىسىگە ئالىدىغان، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل، ئېسىل پەزىلەتلىك جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەردەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى، خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسى، سىياسىي مەسئۇلىيىتى ۋە ئىسلاھاتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، بارلىق ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ياشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەردەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ نىزامنامە بويىچە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ياشلار ئاممىۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشى ۋە كېڭەيتىشى كېرەك.

  كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ خۇڭيەن كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىندا سۆز قىلدى.

  يولداش مەمەتجان داۋۇت كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى.

  ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن سارقىت ئاقان، گۈلشات ئابدۇقادىر، رېن خۇا، ماغاۋ سېيىتقامزا، ليۇ جيەنمىڭ قۇرۇلتايغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر