باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ۋە سىچۈەندە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى

2018.05.21 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 9- مايدىن 18- مايغىچە شىنجاڭ ۋە سىچۈەندە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ئەترەت باشلاپ بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغابدا، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىرلىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھايات بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئېلىمىزنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.

  ئەركىن ئىمىرباقى يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسى ۋە خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا دائىر سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يېڭى تەلەپلەر يولغا قويۇلدى، بىز ئۇلارنى چوقۇم ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مەزمۇنىنى توغرا چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەھىيە ساغلاملىق خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى، مۈشكۈللىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدىن چىقىپ، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئۇزاققىچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر