باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «كادىرلارنى يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىسگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» نى بېسىپ تارقاتتى

2018.05.21 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «كادىرلارنى يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «پىكىر»دە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ۋە خاتالىقنى سىغدۇرۇش، خاتالىقنى تۈزىتىش مېخانىزمى ئورنىتىش، كادىرلارنى يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈشكە قارىتا ئېنىق تەلەپ قويۇلدى. «پىكىر»نىڭ تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلۇشى كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاش ۋە ئۇرغۇتۇش، كادىرلارغا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش ۋە ئۇلارنى يېتەكلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار كادىرلارغا بولغان ئىدىيەۋى تەربىيەنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، كادىرلارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى، تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋرگە خاس شانلىق نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلىشى ۋە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ياخشى كادىر ئۆلچىمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇل بولۇشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالالايدىغان، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر، نەتىجىسى گەۋدىلىك كادىرلارنى تاللاپ ئىشقا قويۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى بايراق روشەن ھالدا تۇرغۇزۇش كېرەك. كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باھالاش شەكلى، ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، تەكشۈرۈشنىڭ كادىرلارنى رىغبەتلەندۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئۈچنى ئايرىش» توغرىسىدىكى مۇھىم تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلارنىڭ خىزمەت جەريانىدا، بولۇپمۇ ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا سادىر قىلغان سەۋەنلىك، خاتالىقلىرىغا كەڭ قورساق بولۇپ، بايراق روشەن ھالدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان كادىرلارغا تىرەك بولۇش، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشنى چۆرىدەپ، قابىلىيەت يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، غەمخورلۇق قىلىدىغان تۈرلۈك تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئىلغار تىپلارنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، كادىرلارنى ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىشكە، جاسارەتلىك- ياراملىق بولۇشقا، يەڭنى تۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر