باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەخستىن كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى باشقۇرۇش چارىسى ئېلان قىلىندى

55 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ پايدا لەيلىمە تىپىدىكى مەھسۇلات بويىچە سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىغا بولمايدۇ

2018.05.21 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەخستىن كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بانكا- سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى يېقىندا «شەخستىن كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى كەسپىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى باشقۇرۇشقا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پايدا لەيلىمە تىپىدىكى مەھسۇلاتنىڭ كۆرسەتمىلىك پايدا نىسبىتىنىڭ يۇقىرى چېكىنى بېكىتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، لەيلىمە تىپىدىكى مەھسۇلات سېتىۋالىدىغان سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ خەۋپ-خەتەرگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى باھالاپ، بۇ تۈردىكى مەھسۇلات بويىچە سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ 55 ياشتىن ئاشماسلىقى، مەبلەغ سېلىش نىسبىتىنىڭ %50تىن ئاشماسلىقىنى بېكىتتى.

  چارىدە سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى كەسپىنى يولغا قويۇش تىجارەت تەلىپى بېكىتىلىپ، تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ بىر قەدەر كۈچلۈك كەسپىي ئىقتىدار ۋە سىجىل تىجارەت ئىقتىدارى ھازىرلىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەھسۇلاتىنى باشقۇرۇشتا «بىر ھېسابات، كۆپخىل مەھسۇلات، ئۆز ئالدىغا ئالماشتۇرۇش»تەك باشقۇرۇش ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، ياخشى سۈپەتلىك رىقابەتلىشىشىكە رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش پىرىنسىپى نامايان قىلىنىپ، ھېساباتنىڭ ئاشكارا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

  سۇغۇرتا شىركەتلىرى تۈرلۈك سېتىش يوللىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشى، بولۇپمۇ زامانىۋى پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، كۆچمە ئالاقە تورى قاتارلىق ئەندىزىلەر ئارقىلىق سېتىش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، كەسىپ تەرتىپىنى ئىخچاملاپ، خېرىدارلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش تەسىراتىنى ياخشىلىشى كېرەك. مەملىكەت بويىچە كۈتۈنۈش پۇلىنى باشقا جايدا بېرىش ۋە مەھسۇلاتنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى، بولۇپمۇ سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنى كۆچمە تېرمىنالدا رېئال ۋاقىتلىق تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  چارىدە سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى كەسپىنى مالىيەدە مۇستەقىل ھېسابلاپ، ئەمەلىي چىقىم ۋە تەڭ كۆتۈرۈشكە ئاساسەن ھەقنى باشقۇرۇپ، ھەق باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىندى. شۇنىڭ بىللە، ئوخشاش بولمىغان كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەھسۇلاتلىرىغا ئايرىم مەبلەغ سېلىش ھېساباتى قۇرۇپ، مۈلۈك ئايرىش، مۈلۈك تەقسىملەش، مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش، مۆلچەرلەپ ھېسابلاش قاتارلىق ھالقىلاردا، ئۆز مەبلىغى ۋە باشقا سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىدىن ئايرىپ، مەبلەغنىڭ بىخەتەر، ساغلام ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى. شۇنداقلا كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنى ئىشلىتىشتە بىخەتەر، ئېھتىياتچان، ئۇزاق مۇددەت، مۇقىم بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، مەبلەغنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن، ئۇزاق مۇددەتلىك مۈلۈك قەرزىنى باشقۇرۇش ۋە خېيىم-خەتەرنى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، مۈلۈك تەقسىملەش نىسبىتى، مەبلەغ سېلىش تاكتىكىسى ۋە خەۋپ-خەتەر ئەھۋالىنى قەرەللىك باھالاپ، مەبلەغنىڭ بىخەتەرلىكى، ئۈنۈمى ۋە ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇزاق مۇددەت قىممىتىنى ئاشۇرۇش ۋە ساقلاشنى قوغلىشىش تەلەپ قىلىندى. كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنى مەبلەغ سېلىپ باشقۇرۇشقا ھاۋالە بەرگەندە، ئۇزاق مەزگىللىك قەرز مەبلىغىنى باشقۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە، مۇكەممەل مۈلۈك تەقسىملەش سىستېمىسى بار، مۇقىم پايدا، ھوقۇق-مەنپەئەت سېلىنمىسى ۋە باشقا تۈردىكى مەبلەغ سېلىشتا مول تەجرىبىسى بار، خېيىم-خەتەرنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەل بولغان مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرغۇچىنى ئالدىن تاللاش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر