باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيورۇسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو- ئامېرىكا ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد سۆھبىتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ مەسئۇلى ليۇ خې كېسېنگېر ۋە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى، ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

2018.05.18 14:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان،رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيورۇسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو- ئامېرىكا ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد سۆھبىتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ مەسئۇلى ليۇ خې 16-ماي ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىپى كېسىنگېر، كېڭەش پالاتاسىنىڭ ۋاقىتلىق باشلىقى، كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاچ ۋە ئاۋام پالاتاسى مەبلەغ توپلاش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بىرېد قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  ليۇ خې كېسىنگېر بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭ پات ئارىدا 95 ياشقا كىرىدىغان تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلىدى ھەم ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو- ئامېرىكا دوستلۇقى ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى. ليۇ خې مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى مۇھىم، پائال ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى. بۇ قېتىم ئامېرىكىغا زىيارەتكە كېلىشىم، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئاساسەن، جۇڭگو- ئامېرىكا ئىقتىساد سودا مەسىلىسى بويىچە ئامېرىكا تەرەپ بىلەن داۋاملىق چوڭقۇر پىكىرلىشىپ، مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئىككى دۆلەت ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قوغداش ئۈچۈندۇر.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر