باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئوقۇغۇچىلار يازلىق تەتىللىك پويىز بېلىتى سېتىلىشقا باشلىدى

2018.05.21 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاقسۇ پويىز بېكىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىللىك پويىزغا ئولتۇرۇش ۋاقتى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ئىكەن، پويىز بېلىتىنى ئالدىن سېتىش ۋاقتى بولسا توردا، تېلېفوندا 30 كۈن ئىلگىرى، پويىز ئىستانىسىسى، پويىز بېلىتىنى ۋەكالىتەن سېتىش ئورنى ۋە ئاپتوماتىك پويىز بېلىتى سېتىش ئۈسكۈنىسىدە 28 كۈن ئىلگىرى سېتىلىدىكەن. 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا، ئالىي تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەتىللىك ئوقۇغۇچىلار بېلىتىنى ئالدىن سېتىۋالسا بولىدىكەن.

  تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلار «ئوقۇغۇچىلار بېلىتى ئېتىبار كارتىسى» چاپلاغلىق ئوقۇغۇچىلار كىنىشكىسى بىلەن 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولغان ئوقۇغۇچىلار بېلىتىنى سېتىۋالسا، ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدىكەن (ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ قوبۇل قىلىنىش ئۇقتۇرۇشىغا، مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ يازمىچە ئىسپاتى ئارقىلىق بىر قېتىملا سېتىۋىلىشقا بولىدۇ). ئېتىبار بېرىش دائىرىسى: ئادەتتىكى قاتتىق ئورۇندۇق بېلىتى، ئادەتتىكى كارىۋاتلىق بېلەت ۋە ئوق پويىزنىڭ 2-دەرىجىلىك ئورۇندۇق بېلىتى قاتارلىقلار. ئوقۇغۇچىلار ئوق پويىزنىڭ 2-دەرىجىلىك ئورۇندۇق بېلىتىنى سېتىۋالسا، باھادا %75 ئېتىبار قىلىنىدۇ. يۇمشاق كارىۋاتلىق بېلەت، ئوق پويىزنىڭ 1-دەرىجىلىك ئورۇندۇق بېلىتىنى سېتىۋالسا، باھادا ئېتىبار قىلىنمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر