خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، قۇتقۇزۇش خادىملىرى كۇبانىڭ ھاۋانا شەھىرىدىكى ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن نەق مەيداندا خىزمەت قىلماقتا.
كۇبا ھۆكۈمىتىنىڭ 19-ماي جەزملەشتۈرۈشىچە، 18-چېسلا يۈز بەرگەن يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 110 ئادەم قازا قىلغان، ھايات قالغان ئۈچ كىشىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن.
كۇبا تىرانسپورت مىنىستىرى ئادېل ئىسكىردو 19-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: قازا قىلغان 110 كىشىنىڭ ئىچىدە 99ى كۇبالىق بولۇپ، چەت ئەللىك 11 كىشى بار، بۇنىڭ ئىچىدە مېكسىكىلىق ئالتە ئايروپىلان خادىمى ۋە بىر مېكسىكىلىق، ئىككى ئارگېنتىنالىق يولۇچى ھەم كۇبادا ۋاقىتلىق ئولتۇراقلاشقان ئىككى چەت ئەللىك بار.
18-ماي چۈشتە، كۇبا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ شەرقىي خولگۋىن شەھىرىگە ئۇچىدىغان بوئىېڭ 737 تىپلىق بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ھاۋانادىكى خۇسەي مارتى خەلقئارا ئايرودرومىدىن ئۇچۇپ ئۇزاق ئۆتمەي چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، شۇ چاغدا ئايروپىلاندا 107 يولۇچى ۋە ئالتە ئايروپىلان خادىمى بار ئىدى.
ھادىسىگە ئۇچرىغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنى كۇبا ئاۋىياتسىيە شىركىتى مېكسىكىدىكى بىر ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىن ئىجارىگە ئالغان بولۇپ، مېكسىكا قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ 18-چېسلا ئېلان قىلغان ئاخباراتىغان قارىغاندا، ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلان 1979-يىلى ئىشلەپچىقىرىلغان ئىكەن. مېكسىكا ئاۋىياتسىيە باش ئىدارىسى 18-ماي، ئىككى مۇتەخەسسىسنى كۇباغا ئەۋەتىپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى