باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى: تور تاكسىلىرىنى باھالاشقا كىرگۈزۈپ، شەخسىي ئاپتوموبىللارنىڭ قانۇنسىز تىجارەت قىلىشىغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك

2018.05.25 13:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى يېقىندا يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «تاكسىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئىناۋىتىنى باھالاش چارىسى»نى ئېلان قىلدى، 1-ئىيۇندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. «چارە»دە سەييارە ئاپتوموبىل كارخانىلىرى ۋە شوپۇرلارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئىناۋىتىنى باھالاش كۆرسەتكۈچى يەنىمۇ ياخشىلاندى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، شۇنداقلا تاكسى ساھەسىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، تور تاكسى شىركەتلىرى ۋە شوپۇرلىرى باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلدى.

  «چارە»دە تاكسى شىركىتىگە قارىتا سانلىق مەلۇمات ئۇلاش، تىجارەت مۇلازىمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش قاتارلىق مەخسۇس كۆرسەتكۈچلەر تۈزىلىپ، كارخانا باشقۇرۇش، ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتى، بىخەتەر تىجارەت قىلىش، تىجارەت مۇلازىمىتى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە نومۇر قوشۇلىدىغان تۈر قاتارلىق ئالتە تۈر بويىچە 19 خىل كۆرسەتكۈچ لايىھەلەندى.

  تاكسى شوپۇرلىرىغا قارىتا، قانۇن-بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلمىشى، تىجارەت مۇلازىمىتى جەھەتلەردىن باھالاپ، باھالاش دەۋرىيلىكى ئىچىدە نومۇرى ئۈچتىن تۆۋەن شوپۇرلار تەلەپ بويىچە تەربىيەلىنىدىغان بولدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جايلاردا كۆرۈلگەن تور تاكسى بىخەتەرلىك ۋەقەسىگە قارىتا، قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى تىرانسىپورت مۇلازىمەت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شيۇچۈن قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ 5-ئايلىق قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى تور تاكسىنىڭ تىجارەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە ئىزچىل يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىدۇ ۋە تور تاكسىنىڭ قانۇن سىرتىدا ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن، جايلار شەخسىي پىكاپ نامى بىلەن قانۇنسىز تىجارەت قىلىدىغان تور تاكسى كەسپىدىكى قانۇنسىز قىلمىشلارغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. كارخانىلار يەنە ئادەم يۈزىنى پەرقلەندۈرۈش، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق «ئادەم بىلەن ماشىنىنىڭ بىردەك بولۇش»ىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر