باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يولۇچىلارنىڭ ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا كىرىپ چىقىش ئۇسۇلىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولدى

2018.05.22 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ ئالدىدىكى مەيدان ۋە ئەتراپىدىكى ئاممىۋى قاتناش بېكەتلىرى پۈتۈنلەي توسۇلۇپ قۇرۇلۇش قىلىنىدىغانلىقى سەۋەبىدىن، يولۇچىلارنىڭ ۋوگزالغا كىرىپ چىقىشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئۈرۈمچى ۋوگزالى ۋوگزالغا كىرىپ-چىقىش يۈرۈش ئۇسۇلىنى رەتلەپ ئاھالىلەرگە سۇندى، بۇنىڭدا تاكسى ئاپتوموبىلى، شەخسىي ئاپتوموبىل، پىيادە يۈرۈش ئارقىلىق ۋوگزالغا يېتىپ بېرىش ۋە ۋوگزالدىن چىقىش ئۇسۇللىرى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى.

  بېكەتكە كىرىش ئۇسۇلى:

  بېكەتكە كىرىش ئۇسۇلى تاكسى (شەخسى ئاپتوموبىل) بىلەن بېرىش، ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن بېرىش، پىيادە ۋوگزالغا كىرىش، ۋوگزالغا چىقىپ مېھمان كۈتۈۋېلىش، يۈك-تاق مۇلازىمىتىنى بېجىرىش قاتارلىق بەش تۈر بويىچە چۈشەندۈرىلىدۇ.

  1. تاكسى ئاپتوموبىلى، شەخسىي ئاپتوموبىل: تاكسى (شەخسى ئاپتوموبىل)غا ئولتۇرۇپ ۋوگزالغا بارىدىغان يولۇچىلار ئىككى قەۋەتلىك ئېگىز كۆۋرۈك ئارقىلىق يۈرۈپ، شىمالىي مەيدان يولۇچىلارنى چۈشۈرۈش سۇپىسىغا بىۋاسىتە يېتىپ بارسا بولىدۇ. يولۇچىلار شۇ يەردە چۈشۈپ، پىيادە مېڭىپ ۋوگزالغا كىرىدۇ.

  2. ئاممىۋى ئاپتوبۇس: ئاممىۋى ئاپتوبۇس ئارقىلىق ۋوگزالغا يېتىپ بارىدىغان يولۇچىلار، ئالدى بىلەن شىمالىي مەيداندىكى ئاپتوبۇس بېكىتىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئاپتوبۇس بېكىتىدىن چىقىپ، يەر ئاستى يولىغا چۈشۈپ، يەر ئاستى سودا بازىرى كوچىسىدىن ئۆتۈپ، ئىككى تەرەپتىكى لىفىت ئارقىلىق يولۇچى چۈشۈش سۇپىسىغا چىقىپ بېكەتكە كىرسە بولىدۇ.

  3. پىيادە ۋوگزالغا كىرمەكچى بولغان يولۇچىلار، ۋوگزال ئالدى مەيدانىنىڭ كىرىش ئىشىكىدىن كىرىپ، ۋوگزال ئالدىدىكى مەيداننىڭ چىقىش ئېغىزىنىڭ شەرقىي يان تەرىپىگە جايلاشقان ئايلانما ئىشىك ئارقىلىق، يۇقىرىغا چىقىدىغان ئاپتوماتىك پەلەمپەي ئارقىلىق يولۇچى چۈشۈش بېكىتىگە كىرسە بولىدۇ.

  4. يولۇچى كۈتۈۋېلىشقا چىققانلار: يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى شىمالىي 6-يولى ئارقىلىق يەر ئاستى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا كىرىپ، يەر ئاستى قەۋەتنىڭ ئاپتوماتىك لىفىت پەلەمپىيى ئارقىلىق يەر ئاستى 1-قەۋەتكە چىقىپ، ئاندىن چىقىش ئېغىزى ئارقىلىق ۋوگزالدىن چىقىش قەۋىتىگە يېتىپ كېلىپ، شەرقىي، غەربىي ئىككى تەرىپىدىكى يولۇچى كۈتۈش رايونىدا ساقلىسا بولىدۇ.

  5. يۈك - تاق كەسپىنى بېجىرىش: يۈك-تاق كەسپىنى بېجىرىدىغان يولۇچىلار، مال ئىگىسى يۇقىرىقى تۆت خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ، يولۇچى چۈشۈش سۇپىسىدىكى يۈك-تاق كەسپىنى بېجىرىش ئۆيىگە بېرىپ ئىشىنى بېجىرسە بولىدۇ.ۋوگزالدىن چىقىش ئۇسۇلى:

  ۋوگزالدىن چىقىش ئۇسۇلى تاكسى، ئاممىۋى ئاپتوبۇس، پىيادە يۈرۈش، يولۇچى كۈتۈۋېلىش ۋە يۈك-تاق مۇلازىمىتىنى بېجىرىش بەش تۈر بويىچە چۈشەندۈرىلىدۇ.

  1. تاكسىغا چۈشىدىغان يولۇچىلار: تاكسىغا چۈشىدىغان يولۇچىلار ۋوگزالنىڭ چىقىش ئېغىزىدىن چىقىپ، سول تەرەپكە بۇرۇلۇپ، تاق يۆنىلىشلىك ئىشىكتىن چىقىپ، 50 مېتىر ماڭغاندىن تاكسىغا ئولتۇرۇش ئورنىغا يېتىپ بارىدۇ.

  2. ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇش: ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرىدىغان يولۇچىلار ۋوگزالدىن چىقىش ئېغىزىدىن چىققاندىن كېيىن، شەرق، غەرب ئىككى تەرەپتىكى ئېغىز ئارقىلىق يەر ئاستى يولىغا كىرىپ، يەر ئاستى سودا كوچىسىدىن ئۆتۈپ، سول تەرەپتىكى چىقىش ئېغىزىدىن چىقىپ ، ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىگە يېتىپ بارىدۇ.

  3. پىيادە يۈرۈش: پىيادە ۋوگزالدىن چىقىدىغان يولۇچىلار، ۋوگزالدىن چىقىش ئىشىكىدىن چىقىپ، تاق يۆنىلىشلىك ئىشىكتىن ئۆتۈپ، يەر يۈزى مەيدانىغا يېتىپ بارىدۇ، ئۇنىڭدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئايلانما ئىشىك ئارقىلىق ئالدى مەيداندىن چىقالايدۇ.

  4. يولۇچى كۈتۈۋېلىش: يولۇچىنى كۈتۈۋالغاندىن كېيىن، يەر يۈزى مەيداننىڭ شەرق، غەرب تەرىپىدىكى چىقىش ئېغىزى ئارقىلىق يەر ئاستى يولىغا چۈشۈپ، يەر ئاستى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا چۈشۈپ، ئاندىن ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ ئايرىلىدۇ.

  5. يۈك-تاق مۇلازىمىتى: يۈك-تاق مۇلازىمىتى بېجىرىپ بولغان يولۇچىلار يۇقىرىقى تۆت خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ۋوگزالدىن ئايرىلسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر