باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە 770 مىليون كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى

2018.05.22 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 21-ماي «2017-يىللىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق ئاخباراتى»نى ئېلان قىلدى. ئاخباراتتىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە 776 مىليون 400 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكىدىن 370 مىڭ كىشى ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر-بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 424 مىليون 620 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكىدىن 10 مىليون 340 مىڭ كىشى ئاشقان. مەملىكەت بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىچىدە، 1-كەسىپتە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار %27نى؛ 2-كەسىپتە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار %28.1نى؛ 3-كەسىپتە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار %44.9نى ئىگىلىگەن.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش ئومۇمىي مىقدارى ئېشىپلا قالماي، مائاش سەۋىيەسىمۇ ئۆسكەن. 2017-يىلى مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىن باشقا ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى 74 مىڭ 318 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 6749 يۈەن كۆپىيىپ، %10 ئاشقان. شەھەر-بازارلاردىكى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى 45 مىڭ 761 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 2928 يۈەن كۆپىيىپ، %6.8 ئاشقان. 2017-يىلنىڭ ئاخىرىدا، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىم سەۋىيەسى 3485 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 210 يۈەن كۆپىيىپ، %6.4 ئاشقان.

  ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى جەھەتتە، 2017-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە 26 مىليون 200 مىڭ كىشى تۈرلۈك كەسپىي تېخنىكا خادىمى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەن، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلىرى1600دىن ئاشقان، 177 مىڭ مۇتەخەسسىس ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە تولۇقلىمىسىدىن بەھرىلەنگەن، دۆلەت مىليونلىغان ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىغا 5729 كىشى تاللانغان، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ سانى 3 مىليون 132 مىڭغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 2017-يىلى 480 مىڭ 900 كىشى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن. 2017-يىلى، دوكتور ئاشتى پەن تەتقىقات خىزمەت پونكىتى 3396گە، دوكتور ئاشتى پەن تەتقىقات سەييارە پونكىتى 3010غا يېتىپ، 180 مىڭدىن ئارتۇق پوستدوكتورنى قوبۇل قىلىپ تەربىيەلىگەن.

  ئىجتىمائىي سۇغۇرتا جەھەتتە، 2017-يىلى پۈتۈن يىللىق بەش تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوند كىرىمى 6 تىرىليون 715 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 1 تىرىليون 359 مىليارد 200 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، %25.4 ئاشقان؛ فوند چىقىمى 5 تىرىليون 714 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 1 تىرىليون 25 مىليارد 700 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، %21.9 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، يىل ئاخىرىدا مەملىكەت بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 915 مىليون 480 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكىدىن 27 مىليون 710 مىڭ كىشى ئاشقان. پۈتۈن يىللىق ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوند كىرىمى 4 تىرىليون 661 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %22.7 ئاشقان. پۈتۈن يىللىق ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوند چىقىمى 4 تىرىليون 42 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %18.9 ئاشقان. 2017-يىلى يىل ئاخىرىدا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ جۇغلانما قالدۇقى 5 تىرىليون 20 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر