باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

فۇجيەندە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 2021-يىلىدىن باشلاپ ئىجتىمائىي پەن بىلەن تەبىئىي پەنگە ئايرىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

2018.05.22 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئېچىلغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى ۋە فۇجيەن مائارىپ يېڭى مۇساپىسى مۇنبىرىدە، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، نازىرى لىن خېپىڭنىڭ فۇجيەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئونىۋېرسال ئىسلاھاتىنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈشىچە، 2021-يىلىدىن باشلاپ، فۇجيەندە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا تەبئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن دەپ ئايرىمايدىغان بولۇپ، «3 + 3» ئەندىزىسى قوللىنىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2021-يىلىدىن باشلاپ، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، چەت ئەل تىلى قاتارلىق ئۈچ پەندىن بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن، ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبئىي پەن دەپ ئايرىلمايدىكەن. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، چەت ئەل تىلى بىر تۇتاش ئىمتىھانى نەتىجىسى ۋە ئوقۇغۇچى ئۆزى تاللىغان ئۈچ تۈرلۈك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيە سىناش دەرىجە ئىمتىھان پەنلىرى نەتىجىسىدىن تەركىب تاپىدىغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىنىدىكەن. ئىمتىھان ۋاقتى ھەر يىلى 6- ئايدا ئىكەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، فۇجيەن ئۆلكىسى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش سەۋىيە ئىمتىھانى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىكەن. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش سەۋىيە ئىمتىھانى لاياقەتلىك ئىمتىھانى ۋە دەرىجە ئىمتىھانىغا بۆلۈنىدىكەن. ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ قىزىقىشى، ئارتۇقچىلىقى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تاللاش ئىمتىھان پەن تۈرىنىڭ ئىمتىھان بېرىش تەلىپىگە ئاساسەن، ئالتە تۈرلۈك دەرىجە ئىمتىھان پەنلىرىدىن ئۈچنى تاللاپ ئىمتىھانغا قاتناشسا بولىدىكەن. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش سەۋىيە ئىمتىھانى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچ يىلىغا تارقىلىدىغان بولۇپ، دەرس ئۆتۈلۈشىگە قارىتا ئىمتىھان ئېلىنىپ تاماملىنىدىكەن.

  لىن خېپىڭ، فۇجيەن ئۆلكىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئونىۋېرسال ئىسلاھات يۆنىلىشى: بىرىنچىدىن، «ئادىللىق تۆۋەن چېكى»گە كاپالەتلىك قىلىش، ئىككىنچىدىن، «تاللاش بوشلۇقىنى كېڭەيتىش»، ئۈچىنچىدىن، «نومۇرىغىلا قاراش»نى تۈگىتىش، تۆتىنچىدىن، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»نى يېڭىش، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر