باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى ـ يېڭى سىبىرىيە لىنىيەسىدە 5- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن باشلاپ قاتناش ئەسلىگە كېلىدۇ

2018.05.22 13:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى 6- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 7- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە رۇسىيەدىكى 11 شەھەردىكى 12 توپ مەيدانىدا باشلىنىدۇ. مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى ـ يېڭى سىبىرىيە نۆۋەتچى ئايروپىلان ئىجراسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كەڭ توپ مەستانىلىرىنى تېخىمۇ جانلىق ۋە قولايلىق سەپەر ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  يېڭى سىبىرىيە بولسا، يېڭى سىبىرىيە ئىشتاتىنىڭ مەركىزى ۋە پۈتكۈل يېڭى سىبىرىيە رايونىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ھېسابلىنىدۇ، رۇسىيە دۆلەت ئىچىدە موسكۋا بىلەن سانتپېتىربۇرگتىن قالسىلا نوپۇسى 3- ئورۇندا تۇرىدىغان كۆپ نوپۇسلۇق بىر شەھەر ھېسابلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 5- ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن باشلاپ، جەنۇبىي ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى ـ يېڭى سىبىرىيە بېرىپ- كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ نۆۋەتچى قېتىم نومۇرى CZ6003/4 ئىكەن، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ قاتناش ۋاقتى ھەپتىنىڭ تۆتى ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى ئىكەن، ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى E190 تىپلىق ئايروپىلان ئىجرا قىلىدىكەن، بېرىپ – كېلىشتە ئايروپىلان 190 كىشىلىك ئورۇن بىلەن تەمىنلەيدىكەن. CZ6003 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 18دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، سائەت 20دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە يېڭى سىبىرىيەگە يېتىپ بارىدىكەن. CZ6004 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 21دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە يېڭى سىبىرىيەدىن ئۇچۇپ، ئۈرۈمچىگە ئىككىنچى كۈنى سائەت 1دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە يېتىپ كېلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر