باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئايپەرى-4» ۋەزىپىسىنىڭ تەركىبىدىكى «چۆچياۋ» ناملىق ئۇلانما سۈنئىي ھەمراھ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى

بۇنىڭدىن كېيىنكى چارلاشلارنى يەر شارى بىلەن ئاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۇلانما خەۋەرلىشىش بىلەن تەمىنلەيدۇ

2018.05.22 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكىسى سانائىتى ئىدارىسى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدىن ئۇقۇشۇمچە، 21-ماي سائەت 5 تىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېلىمىز شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە «ئۇزۇن سەپەر-4» C ناملىق توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق، ئاي شارىنى چارلاش قۇرۇلۇشى بولغان «ئايپەرى-4» ۋەزىپىسى تەركىبىدىكى «چۆچياۋ» ناملىق ئۇلانما سۈنئىي ھەمراھنى بوشلۇققا مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەن. «چۆچياۋ» ناملىق ئۇلانما سۈنئىي ھەمراھ دۇنيادىكى يەر شارى بىلەن ئاينىڭ لاگرانژې L2 نۇقتىسىدا ئايلىنىدىغان تۇنجى خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى بولۇپ، ئۇ يىل ئاخىرىدا يولغا قويۇلىدىغان «ئايپەرى-4» ئاي شارىنى چارلاش ۋەزىپىسىنى يەر شارى بىلەن ئاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۇلانما خەۋەرلىشىش بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  توشۇغۇچى راكېتا ئۇچۇپ 25 مىنۇتتىن كېيىن، سۈنئىي ھەمراھ راكېتادىن ئايرىلدى، «چۆچياۋ» ناملىق ئۇلانما سۈنئىي ھەمراھ يەرگە ئەڭ يېقىن نۇقتىسىنىڭ ئېگىزلىكى 200 كىلومېتىر، يەرگە ئەڭ يىراق نۇقتىسىنىڭ ئېگىزلىكى 400 مىڭ كىلومېتىر كېلىدىغان ئالدىن بەلگىلەنگەن يەر-ئاي ئۆتكۈنچى ئوربىتىسىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلدى، سۈنئىي ھەمراھنىڭ قۇياش ئېنېرگىيىسىنى قوبۇل قىلىش قانىتى بىلەن ئۇلانما خەۋەرلىشىش ئانتېنىسى نورمال ئېچىلدى. كېيىنكى قەدەمدە «چۆچياۋ» ناملىق ئۇلانما سۈنئىي ھەمراھ يېرىم يولدا ئوربىتا تۈزىتىش، ئايغا يېقىن جايدا تورمۇزلاش ۋە ئاي شارى كۈچىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، L2 نۇقتىسنى تېپىش، ئوربىتىنى تۈزىتىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا يەر شارى بىلەن ئاي شارى ئارىسىدىكى L2 نۇقتا ۋەزىپە ئوربىتىسىغا كىرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر