باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۇنيا بويىچە تۇنجى ساھە IPv6 غول مۇلازىمېتىرى قوزغىتىلدى

2018.05.22 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا بويىچە تۇنجى ساھە IPv6 غول مۇلازىمېتىرى بولغان «رادىيو-تېلېۋىزىيە غولى + خۇاشۇ غولى» 21-ماي خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن «2018-يىللىق دۇنيا كېيىنكى ئەۋلاد ئالاقە تورى باشلىقلار يىغىنى»دا قوزغىتىلىپ تورغا ئۇلاندى. بۇ IPv6 غول مۇلازىمېتىر سىستېمىسى رادىيو-تېلېۋىزىيە تورىغا يۈزلەنگەن بولۇپ، كېيىنكى ئەۋلاد ئالاقە تورى دۆلەت قۇرۇلۇش مەركىزى بىلەن «خۇاشۇ» گۇرۇھى بىرلىشىپ قۇرۇپ تىجارەت قىلىدۇ،ئۇ رادىيو-تېلېۋىزىيە ساھەسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە چوڭقۇر تۈرتكە بولىدۇ.

  ئالاقە تورىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك دائىرە نامىنى ئىزاھلاش مۇلازىمىتىنى غول مۇلازىمېتىر تاماملايدۇ، ئۇ تورنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشتۈرۈشىدە ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئالاقە تورىنىڭ «مەركىزىي نېرۋىسى» دەپ ئاتالغان. كېيىنكى ئەۋلاد ئالاقە تورى دۆلەت قۇرۇلۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇ دۇڭ مۇنداق دېدى: ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن، IPv6 غول مۇلازىمېتىر سىستېمىسىنىڭ قوزغىتىلىشى ئابۇنىچىلارنىڭ ئىشلىتىش تەسىراتىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشىدىغانلىقى، سىن مۇلازىمىتى، تاللاپ قويۇش مۇلازىمىتى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە مۇلازىمىتى بىلەن دەل جايىدا تەمىنلەشنىڭ تېزلا رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  IPv6 «ئالاقە تورى كېلىشىمى 6-نۇسخىسى»نىڭ ئىنگلىزچە قىسقارتىلمىسى بولۇپ، ئالاقە تورىغا خەلقئارا ئۆلچەم بېكىتىشكە مەسئۇل ئاپپارات ___ ئالاقە تورى قۇرۇلۇشى ۋەزىپە گۇرۇپپىسى (IETF) لايىھەلىگەن، ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان ئالاقە تورى كېلىشىمى 4-نۇسخىسى(IPv4)نىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇلىدىغان كېيىنكى ئەۋلاد ئالاقە تورىنىڭ يادرولۇق كېلىشىمى. IPv6 نەزەرىيە جەھەتتىن تەمىنلىيەلەيدىغان IP ئادرېسى سانى دۇنيادىكى ھەر بىر تال قۇمغا بىردىن تور ئادرېسى تۈزۈپ بېرىشكىمۇ يېتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر