باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار ئوزۇقلۇق كۈنى»دە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ‏ساغلام ئېغىرلىقىغا ئېتىبار بېرىش مۇراجىئەت قىلىندى ‏

2018.05.22 13:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 20-كۈنى بولسا، 29-قېتىملىق «مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار ئوزۇقلۇق كۈنى». جۇڭگو ساغلاملىق تەربىيەسى مەركىزى، جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزى ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق ئورنى قاتارلىق ئاپپاراتلار بېيجىڭدا بىرلىكتە تەشەببۇسنامە ئېلان قىلىپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ساغلام ئېغىرلىقىغا ئېتىبار بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە سوزۇلما كېسەللىك ئەھۋالى دوكلاتى (2015-يىل)» دا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىز ياش-ئۆسمۈرلىرى بىرلا ۋاقىتتا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك شۇنداقلا ئۆلچەملىك ئېغىرلىقتىن ئېشىپ كېتىش ۋە سەمىرىپ كېتىش مەسىلىسىدىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى ساغلاملىق خىرىسىغا دۇچ كەلگەن.

  تەشەببۇسنامىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ساغلام ئېغىرلىق بالىلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە سالامەتلىكىنى داۋاملاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئېغىرلىقنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېغىر بولۇپ كېتىشى ياكى بەك تۆۋەن بولۇپ كېتىشى سالامەتلىككە پايدىسىز، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مۇۋاپىق بوي ئېگىزلىكىنى ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلىشى ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنىڭ تەڭپۇڭ بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ۋە پائال ھەرىكەت قىلىش، ھەمدە ئېنېرگىيەنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش ساغلام ئېغىرلىقنىڭ مۇھىم ھالقىسى. كۈنىگە ئاز بولغاندا جەمئىي 60 مىنۇت ئوتتۇرا ھال ياكى كۈچلۈك دەرىجىدە ۋە بۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىدە ھەرىكەت قىلىش، ھەر ھەپتىدە سۆڭەك ۋە مۇسكۇللارنى ساغلام قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئاز بولغاندا ئۈچ قېتىم قىلىش، بەش قېتىمدىن كۆپرەك ئېلاستىكىلىق مەشىق قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2018-يىلى مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى مەكتەپلەردە «ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ساغلام بولسا، ئېلىمىز ساغلام بولىدۇ» سەرلەۋھەلىك ساغلاملىق تەربىيەسى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشنى، ساغلاملىق تەربىيەسىنى مەكتەپ ئوقۇتۇشىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، نۇرغۇن جايدىكى مائارىپ، سەھىيە-ساغلاملىق تارماقلىرى «مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار ئوزۇقلۇق كۈنى»نى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن تۈرلۈك شەكىلدە تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشنى تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام ھەرىكەت ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى بەرپا قىلىشقا يېتەكلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر