باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نىڭشيادا بىر ئەر توردا تېما يوللاپ، ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنى ھاقارەت قىلغانلىقتىن مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلدى

2018.05.22 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى يىنچۈەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، يىنچۈەن شەھىرىدە بىر ئەر توردا ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ھاقارەت قىلىدىغان سۆزلەرنى ئېلان قىلغانلىقتىن، ساقچىلار تەرىپىدىن قانۇن بويىچە مەمۇرىي توختىتىپ قويۇلغان.

  يىنچۈەن شەھەرلىك ساقچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىىچە، 17-ماي سائەت 23تە، جياڭ فامىلىلىك تورداش «شىنلاڭ مىكروبلوگى»دا ئىنقىلابىي قۇربان دۇڭ سۈنرۈي، خۇاڭ جىگۇاڭ قاتارلىقلارنى ھاقارەت قىلىدىغان سۆزلەرنى ئېلان قىلغان ھەمدە توردا يازما يوللاپ، «بۇ سۆزلىرىمگە تۇتۇلىمەنمۇ، قېنى كۆرۈپ باقاي» دېگەن.

  بۇ يازما ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا تور ئەھلىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى. يىنچۈەن شەھەرلىك ساقچى تەرەپ تور ئەھلىنىڭ پاش قىلىشىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، خىزمەتلەرنى تېز قانات يايدۇرۇپ، يىنچۈەن شەھىرى جىنفېڭ رايونىدا تۇرۇشلۇق جياڭ فامىلىلىكنى چاقىرتتى، جياڭ فامىلىلىك ئۆزىنىڭ توردا قانۇنغا خىلاپ سۆزلەرنى ئېلان قىلغانلىق پاكىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى. خەلق ساقچىلىرىنىڭ تەنقىد- تەربىيە قىلىشى ئارقىلىق، جياڭ فامىلىلىك ئۆزىنىڭ خاتا سۆزلىرىگە توۋا قىلدى ھەمدە ساقچى تەرەپنىڭ جازاسىنى قۇبۇل قىلدى. نۆۋەتتە، جياڭ فامىلىلىك باشقىلارنى ھاقارەتلىگەنلىكتىن ساقچىلار تەرىپىدىن قانۇن بويىچە 10 كۈن مەمۇرىي توختىتىپ قويۇلدى ھەمدە قوشۇمچە 500 يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.

  ساقچى تەرەپ ئەسكەرتىدۇكى، تور قانۇن سىرتىدىكى ماكان ئەمەس، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداش قانۇنى» يولغا قويۇلدى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىسىم- فامىلىسى، رەسىمى، نامى، شان- شەرىپى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى ۋە روھىنى بۇرمىلاش، سەتلەشتۈرۈپ كۆرسىتىش، بىھۆرمەتلىك قىلىش، ئىنكار قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ، بولمىسا قانۇن بويىچە جازالىنىدۇ، ھەتتا جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر