باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە نامرات ناھىيەلەرنىڭ يېزىلار ۋە يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان 328 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلىغى بىرىكتۈرۈلدى

2018.05.22 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشۇمچە، 2017 - يىلىدىن بۇيان، ئېلىمىزدە نامرات ناھىيەلەرنىڭ يېزىلار ۋە يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەبلىغىنى بىرىكتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى پائال ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى دۆلەتنىڭ يۆلەش-ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە ۋە تۇتاش ئالاھىدە نامرات رايونلاردىكى 832 ناھىيە ۋە ئالاھىدە نامرات رايون، ناھىيەگە كېڭەيتىلدى ھەم نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئالاھىدە نامرات ناھىيەلەرنىڭ «چوڭ تۈرلەرنى راۋانلاشتۇرۇش»، «تۈر ھالقىپ ئىشلىتىش»، تۈزەشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تۈزىشىگە مەدەت بېرىلدى. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك مالىيەلەر بىرىكتۈرگەن يېزىلار ۋە يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەبلەغ 328 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، پىلاندىكى بىرىكتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ٪ 98.7 ىنى ئىگىلەپ، 293 مىليارد 500 مىليون يۈەنلىك چىقىم مەبلەغ كۆلىمى ئورۇندالدى.

  مەبلەغ بىرىكتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىش، باشقۇرۇش تۈزۈمى قۇرۇلۇشى، مەبلەغنىڭ ئېشىش نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، مەبلەغنى بىرىكتۈرۈش سۈرئىتى، مەبلەغنى چىقىم قىلىش سۈرئىتى قاتارلىق جەھەتلەردە تۈرلەرگە ئايرىپ، ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ مەبلەغ بىرىكتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، جايلارنىڭ مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەبلەغ بىرىكتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە ئىز قوغلاپ يېتەكچىلىك قىلدى. ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلىدى. مەملىكەت بويىچە نامرات ناھىيەلەرنىڭ يېزىلار ۋە يېزا ئىگىلىكىگە دائىر مەبلىغىنى بىرىكتۈرۈشنى تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى مەخسۇس نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى ئەھۋالىنى 2017-يىللىق مالىيە نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئوتتۇرا، غەربىي رايوندىكى 22 ئۆلكىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. مەبلەغ بىرىكتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى. باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، مەركەز مالىيەسىدىن تۇنجى قېتىم مۇكاپات مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مەبلەغ بىرىكتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈنۈمى ياخشى بولغان 8 ئۆلكىنىڭ ھەر بىرىنى 80 مىليون يۈەن پۇل بىلەن مۇكاپاتلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر