- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالدىنقى ھەپتە يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى داۋاملىق تۆۋەنلىدى
ئىشلەپچىقىرىش ماتىرىياللىرىنىڭ باھاسى داۋاملىق ئۆرلىدى
2018.05.22 16:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. سودا مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشۇمچە، ئالدىنقى ھەپتە (14-مايدىن 20-مايغىچە) مەملىكەت بويىچە يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار باھاسى كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن % 0.8 تۆۋەنلىگەن، ئىشلەپچىقىرىش ماتىرىياللىرىنىڭ بازار باھاسى كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن % 0.4 ئۆرلىگەن.
يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى جەھەتتە: 30 خىل كۆكتاتنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ ئوتتۇرىچە توپ سېتىلىش باھاسى 3.91 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن % 2.3 تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ياپراقلىق ئوسۇڭ، كۆك پۇرچاق، تەكىيە كاۋا باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ياپراقلىق ئوسۇڭنىڭ باھاسى % 8.7، كۆك پۇرچاقنىڭ باھاسى % 8، تەكىيە كاۋىنىڭ باھاسى % 6.2 تۆۋەنلىگەن. ئۆي قۇشلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە تۇخۇمنىڭ باھاسى ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن %1.2، يۇڭدالغان توخۇنىڭ باھاسى ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن %1.1، ئاق ئۆردەكنىڭ باھاسى %0.5 تۆۋەنلىدى. گۆشنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى سەل تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە چوشقا گۆشىنىڭ باھاسى ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن %0.7، كالا گۈشىنىڭ باھاسى ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن % 0.7، قوي گۆشىنىڭ باھاسى ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن %0.5 تۆۋەنلىگەن. سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى داۋاملىق ئۆرلىگەن. يېمەكلىك ياغنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى سەل ئۆرلىگەن. ئاشلىقنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى سەل ئۆرلىگەن.
ئىشلەپچىقىرىش ماتىرىياللىرى بازىرى جەھەتتە: رەڭلىك مېتالنىڭ باھاسى ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن %0.5، پولات ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسى %0.3 ، خىمىيىۋى ئوغۇتنىڭ باھاسى %0.1 ، كۆمۈر باھاسى % 0.1 ئۆرلىگەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر