باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى شىنجاڭدا شەخسىي ھېسابات نومۇرىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2018.05.24 14:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەر ئايدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا شەخس قانچىلىك پۇل تاپشۇرىدۇ؟ ئىدارە-ئورۇنلار قانچىلىك پۇل تاپشۇرىدۇ؟ شەخسىي ھېسابات نومۇرىدا ھازىر قانچىلىك پۇل بار؟ بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدا سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار يانفون ئارقىلىقلا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا شەخسىي ھېسابات نومۇرىنى تەكشۈرەلەيدۇ.

  5-ئاينىڭ 22-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 12333 نومۇرلۇق ئورگان ئۈندىدارىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر «شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نومۇرى 12333»تە، يەنى (新疆人社12333)دا شەخسىي ھېسابات نومۇرىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى پۈتۈنلەي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرگىلى بولىدىكەن.

  كارتىنى باغلىغان ئابۇنىتچىلار مۇناسىپ تىزىملىكنى باسقاندىن كېيىن، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، ئىشسىزلىق، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش، تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرغان ئىدارە-ئورۇن، ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى، ھەق تاپشۇرۇش ئەھۋالى ۋە ئۆزگەرتىلگەن ئۇچۇرلار دېگەندەكلەرنى تەكشۈرەلەيدىكەن، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئىستېمال ئىنچىكە ھېساباتىنى ئىگىلىيەلەيدىكەن.

  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا شەخسىي ھېسابات نومۇرىنى تەكشۈرۈشتە ئاۋۋال ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۇچۇرچىسى (社保通)غا تىزىملىتىش كېرەك. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار ئۆزلىرىنىڭ يانفونىدا «سودا-سانائەت بانكىسى ئەپ دېتالى» ياكى «قۇرۇلۇش بانكىسى ئەپ دېتالى» بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ئىكەن. نۆۋەتتە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۇچۇرچىسىغا تىزىملىتىش نومۇرىنى مۇشۇ ئىككى بانكىدىلا ئېچىپ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن، شۇڭا، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ بانكىغا بېرىپ بىر دانە سودا سانائەت بانكىسى كارتىسى ياكى قۇرۇلۇش بانكىسى كارتىسى بېجىرىشى تەۋسىيە قىلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر