باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى رېن گوچياڭ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى تىنچ ئوكياننى ئايلىنىش ھەربىي مانىۋېرىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى ھەققىدە سۆز قىلدى

2018.05.25 13:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى رېن گوچياڭ 24- ماي بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىندا، ئامېرىكا تەرەپ پاكىتنى بۇرمىلاپ، ئاتالمىش جەنۇبىي دېڭىزنى «ھەربىيلەشتۈرۈش»نى كۆپتۈردى ھەمدە بۇنى باھانە قىلىپ، جۇڭگونى «تىنچ ئوكياننى ئايلىنىش - 2018» بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى ئىجابىيلىققا ئىگە ئەمەس. ھەرقانداق ۋاقىتتا ئالاقە ئىشىكىنى ئېتىۋېلىش جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىسىز، دېدى.

  رېن گوچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىل سىغمايدۇ. جۇڭگونىڭ ئۆز زېمىنىدا قۇرۇلۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، زۆرۈر مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى — ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇقى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايدىغان زۆرۈر تەدبىرى بولۇپ، «ھەربىيلەشتۈرۈش» بىلەن پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتسىز. ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇنىڭغا ئۇنى-بۇنى دەيدىغان ھوقۇقى يوق.

  رېن گوچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەكلىپ قىلامدۇ، قىلمامدۇ، ھەممىسى جۇڭگونىڭ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئىرادىسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش قەتئىي ئىرادىسىنى تېخىمۇ تەۋرىتەلمەيدۇ. ساغلام، مۇقىم بولغان جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى ئارمىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، ئۇنى قوغدىشى كېرەك. بىز ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، «تىنچسىزلىق» تەپەككۇرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئىختىلاپنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، تىرىشىپ ئىككى ئارمىيە مۇناسىۋىتىنى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى مۇقىملىق ئامىلى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر