باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتىنى قولايلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» نى بېسىپ تارقاتتى

2018.05.24 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتىنى قولايلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» نى بېسىپ تارقىتىپ، رايونلار، تارماقلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتىنى قولايلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرىشى، ئەمەلىيلەشتۈرىشىنى تەلەپ قىلدى.

  «تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتىنى قولايلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش، ھۇقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەت ئىسلاھاتىنى ياخشىلاشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىرلا قېتىم بېرىش»، «كۆرۈشمەي تۇرۇپ تەستىقلاش»، «دەرھال بېجىرىش، توردا بېجىرىش، بىر قېتىمدىلا بېجىرىش»، «بىر تامغا بىلەن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش»، «بىر ئىشىكلىك، بىر تورلۇق مۇلازىمەت» قاتارلىق ئۈنۈملۈك تەدبىر-چارىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە قولايلىق يارىتىش جەھەتتە تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسى ۋە خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

  يەرلىكنىڭ تىپىك تەجرىبىلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، دائىرە بويىچە يېتەكلەپ ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش، ئىسلاھاتنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتىنى قولايلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئومۇمىي تەلەپ:

  يېتەكچى ئىدىيە: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئورگانلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىپ، كارخانىلار ۋە ئاممىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىشنى، ئىلتىماسقا ئاساسەن بېجىرىلىدىغان مەمۇرىي تەستىق ۋە جامائەت مۇلازىمەت ئىشلىرىنى چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتى ئىدىيەسى، تۈزۈمى، ئىستىلىنى ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلامدىن ئىسلاھ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ «كىرىش ئاسان بولۇش، تېز بېجىرىش، قاتتىق باشقۇرۇش، خەلققە قولايلىق يارىتىش، ئاشكارا بولۇش» تەك تەستىق مۇلازىمىتى ئەندىزىسىنى كۈچەپ يارىتىپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ ھۆكۈمەتكە قاتراش قېتىم سانىنى ئەڭ زور كۈچ بىلەن ئازايتىپ، ئىش بېجىرىش، ئىگىلىك تىكلەش ۋە تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتى ۋە ئىجرا كۈچىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق رازى بولىدىغان مۇلازىمەت تىپىدىكى ھۆكۈمەت قۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر