باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

4-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 3922سى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2018.05.25 13:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور پونكىتى 24-ماي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2018-يىلى 4-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 3922سى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى، 5759 كىشىنىڭ جازالانغانلىقى، 3991 كىشىنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي جازا بىلەن جازالانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى ۋە مەركەز پۇل مۇئامىلە كارخانىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئايلىق دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورناتتى.

  4-ئايدا تەكشۈرۈپ چىقىلغان 3922 مەسىلە ئىچىدە، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تولۇقلىما ياكى پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىش مەسىلىسىدىن 961ى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات ۋە سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش-بېرىش مەسىلىسىدىن 707سى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش-ئىشلىتىش مەسىلىسىدىن 637سى، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغلارنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدىن 448سى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش مەسىلىسىدىن 438سى، نورمىدىن ئاشۇرۇپ كۈتۈۋېلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي ئارامگاھلارغا بېرىش، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆيى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش-مۇلازىمەت ئوبيېكتى بەرگەن زىياپەتكە قاتنىشىش قاتارلىق مەسىلىدىن 355ى، ھۆكۈمەت پۇلىغا دۆلەت ئىچىدە ساياھەت قىلىش مەسىلىسىدىن 170ى، ھەشەمەتلىك ئىمارەت سېلىش قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىدىن 201ى، ھۆكۈمەت پۇلىغا چېگرا سىرتىدا ساياھەت قىلىش مەسىلىسىدىن بەشى بار. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي جازا بىلەن جازالانغان كادىرلار ئىچىدە، ۋالىي، نازىر دەرىجىلىك 56 كىشى، ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك 371 كىشى، يېزا باشلىقى، بۆلۈم باشلىقى دەرىجىلىك 3564 كىشى بار.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر