باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2018.05.24 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 23-ماي گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، قىيىنچىلىقى بار رايونلار ۋە ئاجىز ھالقىلارنىڭ مائارىپ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، كۆپ يوللار ئارقىلىق يەسلى ۋە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى بايلىقى بىلەن تەمىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ تەدبىر قوللىنىپ سۈتچىلىكنى گۈللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بېكىتىلدى؛ مۇلازىمەت، سودىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، قىيىنچىلىقى بار رايونلار، ئاجىز ھالقىلارغا قارىتىلغان مائارىپ سېلىنمىسى ۋە سىياسەت مايىللىقى سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش كېرەك، بۇ مائارىپ ئادىللىقى ۋە ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: بىرىنچى، 2018-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، مەركەز مالىيەسىدىن 7 مىليارد يۈەن يېڭىدىن كۆپەيتىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» نىڭ مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە نۇقتىلىق مەدەت بېرىلىدۇ. مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىدا نامرات ناھىيە، مىللىي ئاپتونوم ناھىيە قاتارلىقلارنىڭ مائارىپ ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلىشىنى قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. ئىككىنچى، بۇ يىل، مەركەز مالىيەسىدىن 13 مىليارد يۈەن مەبلەغ يېڭىدىن ئاجرىتىلىپ، يۆتكەپ چىقىم قىلىش ئارقىلىق، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار، نامرات رايونلار ۋە يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى، كەسپىي مائارىپ قاتارلىقلارغا نۇقتىلىق ئىشلىتىلىدۇ. ئۈچىنچى، «ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى» بويىچە 10 مىڭ ئوقۇتقۇچى نورمىسى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، ئېغىر نامرات رايونلارغا نۇقتىلىق مايىللاشتۇرۇلىدۇ. تۆتىنچى، مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيىسى شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىق، ئوقۇتقۇچى ئىشتاتىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشنى تەدرىجىي ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، جاپالىق، چەت-يىراق، نامرات رايونلاردىكى يېزا، كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش كۈچەيتىلىدۇ.

  مىليونلىغان ئائىلىنىڭ «يەسلى يېشىدىكىلەر يەسلىگە كىرىش» ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈن، يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شەھەر-بازار مەھەللىرىدە يەسلى قۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان بالىلار باغچىسى ۋە يەسلى ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشقا يېتەكلەش، جايلارنى شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ تەمىنلەشنى كۆپ خىل يوللار بىلەن كۆپەيتىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئىجازەت، بىخەتەرلىك قاتارلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىنىشكا ئېلىپ ئىش ئورنىغا چىقىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى «باشلانغۇچ مەكتەپلەشتۈرۈش» خاھىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزىتىش كېرەك. بارلىق بالىلارغا ساغلاملىق، خۇشاللىق، ئاتا- ئانىلارغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر