باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، پۈتۈن شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك يامغۇرلۇق، بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ

2018.05.23 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھاۋا بىردەم ئوچۇق، بىردەم يامغۇرلۇق بولۇپ، 5-ئايدىكى شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى «چاپان كىيىش، چاپان سېلىش» ئىچىدە داۋاملاشماقتا. 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ھاۋا گەرچە ئوچۇق بولسىمۇ، لېكىن 23-چېسلادىن باشلاپ كەلگۈسى ئۈچ كۈن ئىچىدە، پۈتۈن شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك يامغۇرلۇق ۋە بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا سەككىز سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلەيدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا بەش سېلسىيە گىرادۇستىن سەككىز سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ.

  ئۈرۈمچىدە ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ياغقان يامغۇردىن كېيىن، ئۈرۈمچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، دۈشەنبە كۈنى يەنە تېز سۈرئەتتە ئىللىدى. 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 25 سېلسىيە گىرادۇس بولدى. لېكىن شۇنداقتىمۇ چاپاننى سېلىۋېتىشكە بەك ئالدىراپ كەتمەسلىك كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرى تەۋەلىكىدە 23-ماي كېچىدىن باشلاپ 24-ماي كېچىگىچە ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، بەش بالدىن ئالتە بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن. 24-ماي كەچتە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا بەش سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىغا چۈشىدىكەن.

  مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 5-ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭدا سوغۇق ھاۋا ئېقىمى بىر قەدەر كۆپ بولغان، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىگەن. كەلگۈسى ئۈچ كۈن ئىچىدىكى بوران دېھقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىككە نىسبەتەن بىر قەدەر چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىكەن. شۇڭا خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئېگىزدىن نەرسە-كېرەك چۈشۈپ زەخىملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا روشەن چاڭ-توزان كۆرۈلىدىكەن، بىر قىسىم جايلاردا قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، قۇم- بورانلىق ھاۋارايى تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە، تاشيول تىرانسپورتى قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئالاقىدار ئورۇنلار قاتناش باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر