باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«قاراماي-چۆچەك» تۆمۈريولى رېلىس ياتقۇزۇش باسقۇچىغا كىردى

2018.05.23 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، «قاراماي-چۆچەك» تۆمۈريولىنىڭ دۆربىلجىن (مايتاس) بۆلىكى ئومۇميۈزلۈك رېلىس ياتقۇزۇش باسقۇچىغا كىردى. «قاراماي-چۆچەك» تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 273 كېلومېتىر، ئومۇمىي سېلىنمىسى 4 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي لىنىيە قاراماي شەھىرى، بىڭتۈەن 9-شىسى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، لىنىيە ئالتە سانائەت رايونى، شەھەر يېڭى رايونى ۋە قوشتولغاي كۆمۈرلۈكى، قاراماي نېفىتلىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئېنېرگىيە بازىسىدىن ئۆتىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئىچىدە رېلىس ياتقۇزۇش تاماملىنىدۇ، كېلەر يىلى 9-ئايدا قاتناش باشلاش مۆلچەرلەندى، شۇنىڭ بىلەن چۆچەك-دۆربىلجىن ئويمانلىقىدا پويىز قاتنىماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر