خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھازىرقى زامان مىللىي سودا-سانائەتچىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، مەشھۇر جامائەت ئەربابى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېقىن دوستى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 8-، 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى 6-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، 7-، 8-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ پەخرىي مۇئاۋىن رەئىسى يولداش سۈن فۇلىڭنىڭ جەسىتى 24-ماي بېيجىڭ باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا كۆيدۈرۈلدى.
يولداش سۈن فۇلىڭ 2018-يىلى 18-ماي سائەت 13 تىن 56 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا كېسەل سەۋەبىدىن 97 يېشىدا ۋاپات بولدى.
سۈن فۇلىڭنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ،لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش سۈن فۇلىڭنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى