سۈرەتتە: 23-ماي، قازاقىستاننىڭ ئاستانىدە تارتىلغان قازاقىستان مۇداپىئە ئىشلىرى كۆرگەزمىسىدىكى جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆت كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان 5-نۆۋەتلىك قازاقىستان مۇداپىئە ئىشلىرى كۆرگەزمىسى 23-ماي قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدە باشلاندى. جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە پەن- تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات تەشۋىقات مەركىزى جۇڭگونىڭ يەتتە چوڭ ھەربىي سودا شىركىتىنى تەشكىللەپ كۆرگەزمىگە قاتناشتۇردى، كۆرگەزمە بۇيۇملىرى قۇرۇقلۇق- دېڭىز- ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ جابدۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى