باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر سېكۇنتتا بىر كىنو چۈشۈرگىلى بولىدۇ، ئادەمسىز ئاپتوموبىل يولغا چىقىدۇ، ئەقلىي ئۆي سايمانلىرى تۇرمۇشنى قولايلاشتۇرىدۇ

5G دەۋرى يېتىپ كەلدى! تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟

2018.05.24 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5G + تورغا چىقىش

  ئادەتتىن تاشقىرى تېز تور سۈرئىتىگە يېتىشىش ئۈچۈن ئۈسكۈنىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

  سېكۇنتلۇق يەتكۈزۈش سۈرئىتى 10GB ، بۇنىڭدا بىر سېكۇنتتا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كىنودىن بىرنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ، سۈرئىتى 4G تورىنىڭ 100 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ... كۆچمە ئالاقە تورى دەۋرىدە «يۇقىرى سۈرئەت» 5G تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالدى. 4Gدىن 5G گە قاراپ ئۆسۈشكىچە، تېخنىكا جەھەتتىن دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپلا قالماي، بۇ يەنە ئابۇنتلارنىڭ تورغا چىقىپ ئىشلىتىش تەسىراتىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  5G تورىنى ئىشلىتىپ تېلېفون ئۇرۇش تەسىراتى 4G ، 3G ھەتتا 2G بىلەنمۇ ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، لېكىن تورغا چىقىش تەسىراتىنىڭ سۈپىتى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. ئابۇنتلار يان تېلېفوندا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كىنولارنى بىمالال كۆرەلەيدۇ، VR (مەۋھۇم رېئاللىق) ئويۇنلىرىنى تېخىمۇ راۋان ئوينىيالايدۇ، تور سىگنالى ئۈزۈلۈپ قېلىپ مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئۆتكۈزۈۋېتىشتىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ.

  ئابۇنتلارغا نىسبەتەن 5G تورىنى ئىشلىتىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. ھازىر ئاساسلىق ئىشلىتىلىۋاتقان يان تېلېفونلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك 5Gنى قوللىمايدۇ، ئابۇنتلار بۇنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن يېڭى يان تېلېفون ئالماشتۇرۇشى كېرەك. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى يېقىندا مۇنداق دېدى: ئېلىمىز 2019-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا تۇنجى تۈركۈمدىكى 5G يان تېلېفونى ئىشلەپچىقىرىشنى مۆلچەرلىدى. دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىنى سىناپ باقماقچى بولغانلار سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاپ تۇرۇڭلار.

  5G + سەپەرگە چىقىش

  ئادەمسىز ھەيدەشتە بىخەتەرلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك

  فۇجيەن ئۆلكىسى چۈەنجۇ شەھىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ياڭ شياۋ ھەپتە ئاخىرى دائىم شەھەر-يېزا ئوتتۇرىسىدا قاتنايتتى، ئۇ ئادەمسىز ھەيدەش تېخنىكىسىنى ئاڭلاپ ھەم خۇشال بولدى ھەم ئەنسىرىدى. بىر تەرەپتىن شوپۇردىن يولۇچىغا ئايلىنىپ، ئىككى قولىنىڭ ئازاد بولىغانلىقىدىن شادلاندى؛ يەنە بىر تەرەپتىن ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدىغان ئەقلىي ئىقتىدارغا تاپشۇرۇشتىن ئانچە خاتىرجەم بولالمىدى.

  بۇ يىل 3-ئايدا، جۇڭگو تېلېگرافى، «جۇڭشىڭ» خەۋەرلىشىشى، «بەيدۇ» شىركىتى شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى 5G تورى ئاساسىدىكى ئەمەلىي مۇھىت ئادەمسىز ئاپتوموبىل سىنىقىنى تاماملىدى؛ خېبېي كۆچمە خەۋەرلىشىشى، «خۇاۋېي» شىركىتى ۋە باۋدىڭ «چاڭچېڭ» ئاپتوموبىل شىركىتى تۇنجى 5G—V2X ئاپتوماتىك يىراق مۇساپىلىك ھەيدەش ۋە يول يۈرۈش سىنىقىنى تاماملىدى. سىناقتا ئادەمسىز ئاپتوموبىلنىڭ بۇرۇلۇش، سۈرئەتنى ئاشۇرۇش، تورمۇزلىشىدا ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىدى، كەلگۈسىدە، ئادەمسىز ئاپتوموبىل قىزىل، يېشىل چىراغ ئۇچۇرى، ھاۋارايى ئۇچۇرى، يول ئەھۋالىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق بويىچە بىر قاتار سىناقلارنى قوبۇل قىلىدۇ.

  5G + ئۆي

  ئەقلىي تۇرمۇشتا شەخسىي مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك

  جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى، جۇڭگو بىرلەشمە ئالاقىچىلىكى، جۇڭگو تېلېگرافى بۇ يىل مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا 5G نى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، شاڭخەي ئۈچ چوڭ كارخانىنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان شەھەرلەر تىزىملىكىگە كىرگەن بىردىنبىر شەھەر. فۇدەن داشۆسىدە ئوقۇيدىغان پېڭ فامىلىلىك ساۋاقداش ئەقلىي ئۆي سايمانلىرى مەستانىسى بولۇپ، ئۇ شاڭخەيدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنىڭ باشلىنىشىغا تەقەززا بولۇپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى نۇرغۇن ئەقلىي ئۆي سايمانلىرى «كۆك چىش» بىلەن ئۇلىناتتى، ئانچە مۇقىم ئەمەستى؛ كېيىن Wifi سىمسىز توردا ئۇلىنىدىغان بولۇپ، ئىشلىتىش تەسىراتى زور دەرىجىدە ئاشتى. مۇقىم بولغان تور يولى ئەقلىي ئۆي سايمانلىرىغا بەك مۇھىم. 5G تېخنىكىسىنىڭ ئەقلىي ئۆي سايمانلىرىنى ئىشلىتىش تەسىراتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ھازىر ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇۋاتقان ئابۇنتلار ئۇچۇرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى قاتارلىق تور بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ئوخشاشلا 5G دەۋرىگە تەھدىت سالىدۇ. بەزى تورداشلار 5G دەۋرىدە تېخىمۇ كۆپ ئۆي سايمانلىرىنىڭ يان تېلېفوندا مەشغۇلات قىلىنىدىغانلىقى، بۇنداق بولغاندا يان تېلېفونى يىتۈپ، ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلىنىپ كەتسە بىر قاتار زەنجىرسىمان تەسىر قوزغاپ، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىشىدىن ئەنسىرىدى.

  جۇ ۋېي مۇنداق دېدى: ئالاقىدار تارماقلار قانۇن چىقىرىشنى تېزلىتىپ، ئېرىشكىلى بولىدىغان ئابۇنتلار ئۇچۇرى بىلەن ئېرىشكىلى بولمايدىغان ئابۇنتلار ئۇچۇرىنى ئېنىق ئايرىشى كېرەك. شۇنداقلا يەنە ئەقلىي قاتتىق دېتالنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، تۇرمۇش، خىزمەتتىكى ياردەمچىنىڭ تور بىخەتەرلىكىنىڭ «مىنا»سىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر