باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ تارماقلىرى يېزىلاردىكى مىنىبۇسلارنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرىدۇ

2018.05.24 14:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا مەملىكەت بويىچە ۋىدىيولۇق يىغىن ئېچىپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى مەملىكەت بويىچە يول قاتناش بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلىپ، جايلارنىڭ ياز پەسلىدىكى يول قاتناش بىخەتەرلىكىدە كۆرۈلىۋاتقان گەۋدىلىك خەۋپلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى مىنبۇس ۋە يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىللىرىغا قارىتا، ھەمدە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ نۇقتىلىق قىلمىشلارغا ۋە كەلكۈن مەزگىلىدىكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىقلارغا قارىتا، تۆت تۈرلۈك قاراتمىلىق تەدبىرنى يولغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە قاتناش بىخەتەرلىكىنىڭ ۋەزىيىتىنى داۋاملىق مۇقىم قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېزىلاردىكى مىنبۇسلارنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكى يېزىلاردىكى چوڭ ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى بولۇپ قالدى. شۇڭا، 6-ئايدىن 8-ئايغىچە غەربىي جەنۇب ۋە غەربىي شىمال رايونلىرىدا ئۈچ ئايغىچە مەركەزلىك ھالدا يېزىلاردىكى مىنىبۇسلارنى مەخسۇس تۈزەش قانات يايدۇرۇلىدۇ، شىمالىي جۇڭگو رايونى، شەرقىي شىمال رايونى، شەرقىي جۇڭگو رايونى ۋە ئوتتۇرا جەنۇب رايونلىرى ئۆز جايلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مىنىبۇس قاتارلىق نۇقتىلىق ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى خەۋپ-خەتىرىنى تۈزەشنى كۈچەيتىدۇ.

  يىغىندا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار يولۇچى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىك سىستېمىسنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى ۋە جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورگانلار تەرىپىدىن يېقىندا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ تارقىتىلغان «تاشيول يولۇچى توشۇش كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىش قائىدىسى»نى ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، قاتناش-تىرانسپورت ۋە جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە يولۇچى توشۇش بىخەتەرلىكىنى تەشۋىق قىلىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى مەنبەدىن تەكشۈرۈپ، يولدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزەپ، يولۇچى توشۇش كارخانىلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىش ئەھۋالىنى، ئاپتوموبىللارنى ھەرىكەت ھالىتىدە نازارەت قىلىش ۋە شوپۇرلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈزۈملىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  بۇنىڭدىن سىرت، جايلارنىڭ ياز كىرگەندىن بۇيانقى گۈلدۈرماما ۋە بوران-چاپقۇن دېگەندەك ھاۋارايى تەسىرىگە ئارقا-ئارقىدىن ئۇچرىشىغا قارىتا، جايلار كەلكۈن مەزگىلىدە قاتناش جىددىي ۋەقەلىرىنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈشنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، يامغۇرلۇق كۈندىكى تەرتىپ باشقۇرۇش-كونترول قىلىش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇپ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى ۋە تەشۋىق قىلىپ يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈن مەزگىلىدە يول قاتناش بىخەتەرلىكىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر