باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش قانات يايدۇرىلىدۇ

2018.05.23 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-ماي ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىكىدىن ئۇقۇشۇمچە، مەملىكەت بويىچە قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلۇپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىپ، قاتتىق تاشلاندۇقلارنى قانۇنسىز يۆتكەش قىلمىشى كۆپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتى قەتئىي توسۇلۇپ، خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى پۈتكۈل جەريانلىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، مۇھىت خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدى ئېلىنىدۇ ۋە تىزگىنلىنىدۇ.

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىن تۆۋەندىكى تۆت خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى:

  بىرىنچى، قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇنسىز تۆكۈلگەن قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى، قاتتىق تاشلاندۇقلارنى قانۇنغا خىلاپ يۆتكەش قانۇنسىز جىنايى قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىشتە، ئاساسلىقى تارماقلار ۋە رايون بىرلەشمە مۇداپىئە، بىرلەشمە كونترول قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشنى نەزەردە تۇتۇپ، قاتتىق زەربە بېرىش ۋە چۆچۈتۈش كېرەك.

  ئۈچىنچى، كارخانىلار ۋە يەرلىكنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسلىقى كارخانىلارنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەشتىكى سۇبيېكىتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جايلارنىڭ قاتتىق تاشلاندۇقلارنى توپلاش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىدىن ئۆلكە دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشتا بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى خىزمەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.

  تۆتىنچى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاتتىق تاشلاندۇق شەكلىدىكى بۇلغىما چىقىرىشقا ئىجازەت بېرىش-باشقۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇھىت قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئاپپاراتلارنىڭ قاتتىق تاشلاندۇقلار جەھەتتىكى دائىمىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، مەنبەدىن قەتئىي ئالدىنى ئېلىش، جەريانىنى قاتتىق باشقۇرۇش، كەلتۈرگەن ئاقىۋىتى بويىچە قاتتىق جازالاشتەك نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: خەتەرلىك تاشلاندۇق چىقارغانلار، مىقدارى كۆپ، زىيىنى چوڭ ئادەتتىكى قاتتىق تاشلاندۇق چىقارغانلارغا، شۇنداقلا ئەخلەت، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار ساھەلەرگە قارىتا، ھەر دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارماقلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە كارخانىلاردىن باشقۇرۇش ھېساباتى ۋە مەلۇم قىلىپ تىزىملىتىشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يۆتكەلگەن قاتتىق تاشلاندۇقلادىن ئەمەلىي پايدىلىنىش، بىر تەرەپ قىلىش يولى ۋە ئاخىرقى مەنزىلىنى ئەينەن مەلۇم قىلىشنى ھەم قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ تۈرى، سانى، پايدىلىنىش، بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى تەلەپ بويىچە ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر