باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى ئىزچىل ياخشىلىنىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى كۈنسايىن يېڭىلاندى

ــــ ئېلىمىزنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

2018.05.23 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ماي بېيجىڭدىن بەگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدا «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەبەدىي سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بەش يىلدىن بۇيان، «سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق» دېگەن ئىدىيە كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىنىپ، تۈزۈم سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بۇلغىنىشنى تۈزەش زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېشىل تەرەققىيات نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، گۈزەل جۇڭگونىڭ يېڭى كارتىنىلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى.

  بۇلغىنىشنى تۈزەش سالمىقى مىسلىسىز بولدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش تېزلىتىلدى

  باش يازدىكى بېيجىڭنىڭ يامغۇردىن كېيىنكى ھاۋاسى ئىنتايىن ساپ، يېشىللىققا پۈركەنگەن مەنزىرسى ئىنتايىن گۈزەل ئىدى. شەھەر ئاھالىسى گاۋ شياڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى يامغۇر ياغسا ئۈستى-بېشىمىزنىڭ لاي بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ يامغۇردىن ئۆزىمىزنى قاچۇراتتۇق، ھازىر بۇنىڭدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇق.

  مۇھىت دېگەنلىك خەلق تۇرمۇشى دېگەنلىك، يېشىل تاغ دېگەنلىك گۈزەللىك دېگەنلىك، كۆك ئاسمان دېگەنلىك بەخت دېگەنلىك. بۈگۈنكى كۈندە، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلارنى دائىم كۆرەلەيدىغان بولدۇق. بېيجىڭدىكى ئۆزگىرىشلەر دەل ئېلىمىز كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرغان «كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭى» نىڭ نەتىجىسىدۇر.

  2013- يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇلتۇر مەملىكەتتىكى 338 ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەردىكى سۈمۈرۈلىدىغان دانچە (PM10) نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى٪22.7 تۆۋەنلىگەن، ئىلگىرى «تۈتەك» بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان تيەنجىن- خېبېي رايونىدا PM 2.5 نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى ٪39.6 تۆۋەنلىگەن. بېيجىڭدا PM 2.5 نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى ھەر كۇب مېتىردا 89.5 مىكرو گىرامدىن 58 مىكرو گىرامغا تۆۋەنلىگەن.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، بىر قاتار تۈپ خاراكتېرلىك، ئىجادىي، يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە خىزمەتلەرنى پىلانلاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ياساشقا تۈرتكە بولدى.

  ئەمدىلا ئاخىرلاشقان مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز خەلق ئاممىسى ئويلىغاننى ئويلاپ، ئارزۇ قىلغاننى ئازۇر قىلىپ، ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻠﯩﻜﻰ ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﯩﻨﻰ زور ﻛﯜچ ﺑﯩﻠﻪن ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك.

  بۇ قىسقىغىنە بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سالمىقى ئەڭ زور، تەدبىرلەر ئەڭ ئەمەلىي، ئىلگىرى سۈرۈش ئەڭ تېز، ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغان مەزگىل بولدى. ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۈچ چوڭ ھەرىكەت پىلانى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇپ، بۇلغىنىشنى تۈزەش سالمىقى مىسلىسىز بولدى. مۇھىت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش، ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر