باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گەنسۇ ئۆلكىسى چىڭياڭ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چيەن پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى

2018.05.23 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، گەنسۇ ئۆلكىسى چىڭياڭ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاڭ چيەن (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)نىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بىر دېلوسى، گەنسۇ ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بەلگىلىگەن باشقۇرۇش تەۋەلىكى ئارقىلىق، يۇڭچاڭ ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن يۇڭچاڭ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەيىبلىدى.

  تەپتىش ئورگانلىرى ئەيىبلەشنى تەكشۈرۈش باسقۇچىدا جاۋابكار ۋاڭ چيەنگە ئۇنىڭ بەھرىمەن بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى ئۇقتۇردى، ھەمدە جاۋابكار ۋاڭ چيەننى قانۇن بويىچە سوراق قىلدى، ھەمدە ئۇ ھاۋالە قىلغان ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدى. يوڭچاڭ ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسىدە مۇنداق دېيىلدى: 2004- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، ۋاڭ چيەن ئۆزىنىڭ چىڭياڭ شەھىرى جېنيۈەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى، خۇەنشيەن خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمى، ج ك پ خۇەنشيەن ناھىيەلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، چىڭياڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، يەرنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش، قۇرۇلۇش پۇلىنى راسچوت قىلىش، خىزمەت يۆتكەش ۋە ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا پايدا يەتكۈزگەن، باشقىلاردىن پۇل- ماللىرىنى قانۇنسىز ھالدا قوبۇل قىلغان، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغان، شۇڭا، ئۇ پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر