باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى ھاراق ئىچىپ ۋە زەھەر چېكىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەرنى كېچىلىك تەكشۈرۈشتىكى بىر تۇتاش ھەرىكەتنى قانات يايدۇردى

2018.05.23 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندىن بۇيان كۆپ يۈز بېرىۋاتقان قاتناش ھادىسىلىرى قاتارلىق بىرقاتار ھادىسىلەرگە قارىتا، يەنى كىشىلەرنىڭ ھاراق ئىچىپ ۋە زەھەر چېكىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش نەتىجىسىدە قاتناش ھادىسىلىرى كۆپلەپ چىقىۋاتقان، ياز كىرگەندىن كېيىن زىياپەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى كۆپىيىۋاتقان، بولۇپمۇ پات ئارىدا ئېلىپ بېرىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ھاراق ئىچىپ ئولتۇرۇپ مۇسابىقە كۆرۈش ئىشلىرى ۋە تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى زىچ بولىدىغان، كېچىدە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشتەك قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنىڭ خەۋپ-خەتىرى گەۋدىلىك بولىۋاتقان ئەھۋاللارغا قارىتا، يېقىندا، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى جايلاردىكى ھەرقايسى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھاراق ئىچىپ ۋە زەھەر چېكىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەرنى كېچىلىك تەكشۈرۈشتىكى بىر تۇتاش ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلاردىكى ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلىك تىزگىنلەپ، شەھەرلەرنى، بولۇپمۇ شەھەر-يېزا تۇتاشقان جايلار، يېمەك-ئىچمەك كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ئەتراپىدىكى يوللار، ھاراق ئىچىش ۋە زەھەر چېكىشكە چېتىشلىق ھادىسىلەر ئاسان ۋە كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدىغان رايونلار قىلىپ بېكىتىپ، كېچىلىك ۋاقىتلارنى، بولۇپمۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى ۋە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىللىرىنى نۇقتىلىق ۋاقىت بۆلىكى قىلىپ بېكىتىپ، ھاراق ئىچىپ ۋە زەھەر چېكىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشتەك گەۋدىلىك رەۋىشتە قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلغان جىنايى قىلمىشلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان قىلمىشلارنى، يەنى ھاراق ئىچىپ ۋە زەھەر چېكىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى ئالاقە تورىدىكى قاتناش بىخەتەرلىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇش سۇپىسى ئارقىلىق ۋاقتىدا ئاشكارا يوسۇندا ئېلان قىلىپ تۇرۇش، ھەمدە ئۇلارنىڭ تىزىملىكىنى «لەۋزىدە تۇرىدىغان جۇڭگو» تورىغا ئەۋەتىپ، ئۇلارغا بىرلەشمە تەنبىھ بېرىشنى يولغا قويۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر