5-ئاينىڭ 22-كۈنى، بىر خىزمەتچى خادىم جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنتوڭ شەھىرىدىكى بىر ئاپتوموبىل سېتىش ئېلان تاختىسى ئالدىدىن ئۆتمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى قائىدىسى كومىتېتى 22-ماي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، 2018-يىلى 7- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، باج نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم %25، %20لىك پۈتۈن ئاپتوموبىل تاموژنا بېجىنى %15كە كېمەيتىدىغانلىقىنى، كېمەيتىش نىسبىتىنىڭ ئايرىم-ئايرىم %40، %25 بولىدىغانلىقىنى؛ باج نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم %8، %10، %15، %20، %25 بولغان ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى تاموژنا بېجىنى %6كە كېمەيتىدىغانلىقىنى، ئوتتۇرىچە باج كېمەيتىش نىسبىتىنى %46 بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى