5-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىئەن ئوپتىك نازۇك ماشىنىلار تەتقىقات ئورنىنىڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى سىزىقلىق فوتو ئاپپاراتنىڭ ۋاقىت پەرق ئېتىش ئالاھىدىلىكىنى ئۆلچەملەشتۈرمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتنىڭ چوڭ پەن تەتقىقات جابدۇقى بولغان ئېلىمىزنىڭ مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە يۇقىرى ئىقتىدارلىق سىزىقلىق ئاپپاراتنى تەتقىق قىلىپ ياساشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى 22-ماي شىئەندە جاكارلاندى. جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ليۇ ۋېنچىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغۇچى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىزىقلىق ئاپپاراتنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى، قىسمەن يادرولۇق، ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ۋە ھۈنەر-سەنئەت جەھەتتىكى قىيىن مەسىلىلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، خەلقئارا ئىلغار سەۋىيىگە يەتتى.
بۇ تەتقىق قىلىپ ياساش تۈرىنى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىئەن ئوپتىك نازۇك ماشىنىلار تەتقىقات ئورنى ئۈستىگە ئالغان. شىئەن ئوپتىكىلىق مېخانىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جاۋ ۋېي مۇنداق دېدى: بۇ تۈر ئېلىمىزنىڭ سىزىقلىق ئاپپاراتتىن ئىبارەت بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلىم-پەن ئەسۋابىدا باشقىلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراشتىن ئىبارەت قىيىن ئەھۋال ھەل قىلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ نازۇك ئۆلچەش ئەسۋابلىرى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ۋە خەلقئارا قامالنى بۇزۇپ تاشلاپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۇقىرى تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
2012-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ پىلانلاپ قوللىشى ئارقىسىدا، شىئەن ئوپتىكىلىق مېخانىكا ئورنى بۇ تۈرنى باشلاپ، يۇقىرى ئىقتىدارلىق سىزىقچىلىق فوتو ئاپپاراتنىڭ ۋاقىت پەرقلەندۈرۈش دەرىجىسى، ھەرىكەت ھالىتى دائىرىسى ۋە ماس قەدەملىك چاستوتا قاتارلىق ئۈچ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچنى ئۆستۈرۈشكە قارىتا، كۆپ تۈرلۈك ھالقىلىق تېخنىكىدا بىر قاتار بۆسۈشلەرنى قولغا كەلتۈردى. نۆۋەتتە، بۇ تۈردە تەتقىق قىلىپ ياسالغان سىزىقچىلىق فوتو ئاپپارات جۇڭگو قۇرۇلۇش فىزىكا تەتقىقات يۇرتىنىڭ لازېرلىق بىرىكتۈرۈش رېئاكسىيەسى تەتقىقاتى قاتارلىق ئۈچ چوڭ مۇھىم مەخسۇس تۈردە ئىشلىتىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى