خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆمۈر قانات ئاسماندا ئېلىشىپ، تاغلاردىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ ھېچ نەرسىدىن قورقمايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. 4-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 5-ئاينىڭ بېشىغىچە، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 75-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم بىرىگادىسى چۆللۈككە كىرىپ، ھاۋا-يەردە راست ئوق مەشىق مانېۋىرى ئېلىپ باردى، ناچار مۇھىتتا يۇقىرى قىيىنلىقتىكى مەشىققە ئۈزلۈكسىز جەڭ ئېلان قىلىپ، كۆپ خىل ماشىنا تىپىغا ماسلىشىپ، كۆپ مەشىق قىلىش تاكتىكىسى مەشقى، ئايروپىلاندىن تۇيۇقسىز زەربە بېرىش، تۆۋەن بوشلۇقتا ھۇجۇم قىلىش ۋە مۇداپىئە قىلىش، ئۇرۇش مەيدانىدىكى يۆتكەش-توشۇش قاتارلىق قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى تۈرلەردە ئەمەلىي جەڭ مەشغۇلاتى قىلدى.
ئۇرۇشنىڭ رېپسىتىتىيە ۋاقتى بولمىغىنىدەك، مەشىقنىڭمۇ دەم ئېلىش ۋاقتى بولمايدۇ. بۇ بىرىگادا يېڭى پىروگراممىنى ئاساسىي ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىي جەڭ تۈسىنى ئالغان مەشىق ئارقىلىق قىسىمغا تۈرتكە بولۇپ، قىسىمنى جاسارەتكە ئىگە قىلدى. ھازىرغا قەدەر، بۇ بىرىگادا كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇقنى چۆرىدەپ ئايرۇپىلاندىن چۈشۈش، ئالاھىدە رازۋېدكا قىلىش، مۇھىم نۇقتىلارنى تارتىۋېلىپ كونترول قىلىش، ئۇرۇش تاكتىكىسىنى يېتەكلەش ۋە زەربە بېرىش قاتارلىق تېمىلاردا پاراسەت بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تاماملاپ، مۇرەككەپ مۇھىت، ناچار كىلىمات شارائىتىدا ھەرقايسى ئەسكىرىي تۈرلىرى بىلەن ماسلىشىپ، بىرلىشىپ ئوت كۈچى ئارقىلىق ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل جەڭ قىلىش ئۇسۇلى ۋە مەشىق ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدەندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى