5-ئاينىڭ 20-كۈنى، جىنەن ياۋايى ھايۋانات دۇنياسىدا خىزمەتچىلەر بەشكېزەك يولۋاس ئاسلىنىنى كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھىرىدىكى ياۋايى ھايۋانات دۇنياسىدا تۇغۇلغان بەشكېزەك يولۋاس ئاسلىنى تۇنجى قېتىم ساياھەتچىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ بەشكېزەك يولۋاس ئاسلىنىنىڭ تۆتى چىشى بىرى ئەركەك بولۇپ، 4-ئاينىڭ 2-كۈنى تۇغۇلغان. نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى